سەگەك تۇرۇڭلار!
ئەيسانىڭ ئەگەشكۈچىلىرى ۋە ئۇرۇشلار — مۇقەددەس كىتاب نېمە دەيدۇ؟
كۆپلىگەن خرىستىئان دىنىي رەھبەرلىرى ئۇكرائىنادىكى ئۇرۇشنى قوللاپ-قۇۋۋەتلەۋاتىدۇ. ئۇلار ھەر ئىككىلا تەرەپنى قانداق قوللاۋاتقانلىقىغا دىققەت قىلىڭ:
«دۆلىتىمىز ئۇكرائىنانى قوغداۋاتقان ھەممە ئەسكەرلەرگە چوڭقۇر ھۆرمىتىمىزنى ۋە مىننەتدارلىقىمىزنى بىلدۈرىمىز. سىلەر ئۈچۈن خۇداغا دۇئا-تىلاۋەت قىلىۋاتىمىز ۋە قەلبىمىز سىلەر بىلەن بىللە، ھەردائىم سىلەرنى قوللاپ-قۇۋۋەتلەيمىز». — كىيېۋ چوڭ شەھىرى باش روھانىيسى ئېپىفانىئۇس (Jerusalem Post، يېرۇسالىم پوچتا گېزىتى، 2022-يىل، 16-مارت)
«موسكۋا ئۇكرائىنادىكى ھەربىي ھۇجۇمىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقاندا، رۇس پراۋىسلاۋىيان چىركاۋسىنىڭ رەھبىرى يەكشەنبە كۈنىدە رۇس ئەسكەرلىرى ئۈچۈن ئالاھىدە دىنىي مۇراسىم ئۆتكۈزگەن. ئۇ رۇس ئەسكەرلىرىنى ئۆز دۆلىتىنى قوغداشقا ئۈندىگەن» (رېيتېر خەۋەر ئاگېنتلىقى، 2022-يىل، 3-ئاپرېل)
مەسىھ ئەگەشكۈچىلىرى ئۇرۇشقا قاتنىشىشى كېرەكمۇ؟ مۇقەددەس كىتاب نېمە دەيدۇ؟
مۇقەددەس كىتابتا ھەقىقەتەن نېمە يېزىلغان؟
مۇقەددەس كىتاب ئەيسانىڭ ھەقىقىي ئەگەشكۈچىلىرىنىڭ ئۇرۇشقا قاتناشمايدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.
«قىلىچىڭنى غىلاپىغا سالغىن، چۈنكى قىلىچ كۆتۈرگەنلەرنىڭ ھەممىسى قىلىچ بىلەن ھالاك بولىدۇ».—مەتتا 26:52.
ئۇرۇشلارغا قاتنىشىدىغان ياكى ئۇنى قوللايدىغان كىشى ھەقىقەتەن ئەيسانىڭ سۆزىگە قۇلاق سالامدۇ؟
«مەن سىلەرگە يېڭى ئەمىر بېرىمەن: بىر-بىرىڭلارنى سۆيۈڭلار. مەن سىلەرنى سۆيگىنىمدەك، سىلەرمۇ بىر-بىرىڭلارنى سۆيۈڭلار. ئەگەر ئاراڭلاردا سۆيگۈ بولسا، بۇنىڭدىن ھەممىسى سىلەرنىڭ مېنىڭ شاگىرتلىرىم ئىكەنلىكىڭلارنى بىلىدۇ».—يۇھاننا 13:34، 35.
ئەگەر كىشى ئۇرۇشتا مەلۇم بىر تەرەپنى قوللىسا، ئەيسا ئېيتقاندەك، ئۇنىڭ شاگىرتلىرىغا خاس سۆيگۈ-مۇھەببەتنى كۆرسىتەمدۇ؟
كۆپرەك مەلۇماتقا ئېرىشىش ئۈچۈن، «مەسىھ ئەگەشكۈچىلىرى ئۇرۇشقا قاتناشسا بولامدۇ؟» ناملىق ماقالىگە قاراڭ.
ئەيسانىڭ ئەگەشكۈچىلىرى ۋە بۈگۈنكى كۈندىكى ئۇرۇشلار
بۈگۈنكى كۈندە مەسىھنىڭ ھەقىقىي ئەگەشكۈچىلىرى ئۇرۇشقا قاتنىشىشتىن ۋاز كېچەمدۇ؟ ھەئە. مۇقەددەس كىتابتا زامان ئاخىرىدا ھەرخىل مىللەتتىن چىققان بىر توپ كىشىلەرنىڭ ئۇرۇش قىلىشنى ئۆگەنمەي، ئەيسانىڭ تەلىملىرىگە ماس ياشايدىغانلىقى بېشارەت قىلىنغان.—يەشايا 2:2، 4.
«كۈزىتىش مۇنارى» ژۇرنىلىدىكى «خۇدا ئۇرۇشلارغا قانداق قارايدۇ» ناملىق ماقالىگە قاراڭ.
«تىنچلىقنىڭ خۇداسى» a پات-يېقىندا ئاسماندىكى پادىشاھلىقى ئارقىلىق ئادەملەرنى زۇلۇم ۋە زوراۋانلىقتىن قۇتقۇزىدۇ.—فىلىپىلىكلەر 4:9؛ زەبۇر 72:14.
بۇ توغرۇلۇق كۆپرەك بىلىش ئۈچۈن، «خۇدا پادىشاھلىقى دېگەن نېمە؟» ناملىق فىلىمنى كۆرۈڭ.
a يەھۋا — خۇدانىڭ خاس ئىسىمى.—زەبۇر 83:18.