2-دەرس
خۇدا دېگەن كىم؟
1. نېمە ئۈچۈن خۇداغا ئىبادەت قىلىشىمىز كېرەك؟
ھەق خۇدا بارلىق مەۋجۇداتلارنىڭ ياراتقۇچىسىدۇر. ئۇنىڭ باشلىنىشى ۋە ئاخىرلىشىشى يوقتۇر (زەبۇر 90:2). ئۇ مۇقەددەس كىتابتىكى خۇش خەۋەرنىڭ مەنبەسىدۇر (1-تىموتىي 1:11). خۇدا بىزگە ھاياتلىق بەرگەنىكەن، بىز پەقەت ئۇنىڭغا ئىبادەت قىلىشىمىز كېرەك.—ۋەھىيلەر 4:11-ئايەتنى ئوقۇڭ.
2. خۇدا، ئۇ زادى قانداق شەخس؟
ھېچ بىر ئىنسان خۇدانى كۆرگەن ئەمەس، چۈنكى ئۇ روھتۇر. بۇ خۇدا يەر يۈزىدىكى جىسمانىي تەنگە ئىگە جانلىقلاردىن يۇقىرىراق تۇرىدىغان مەۋجۇتلۇق دېگەنلىكتۇر (يۇھاننا 1:18؛ 4:24). شۇنداقتىمۇ، ئۇ ياراتقان مەۋجۇداتلاردىن، ئۇنىڭ خۇسۇسىيەتلىرىنى كۆرۈپ يېتەلەيمىز. مەسىلەن، ھەرخىل مېۋە-چېۋە ۋە رەڭ گارەڭ گۈل-گىياھلار ياراتقۇچىنىڭ سۆيگۈ-مۇھەببىتى ۋە ئەقىل-پاراسىتىنى ئايان قىلىدۇ. ھەمدە بىپايان ئالەم بوشلۇقى ئۇنىڭ كۈچ-قۇدرىتىنى ئاشكارا قىلىدۇ.—رىملىقلار 1:20-ئايەتنى ئوقۇڭ.
ئۇنىڭدىن باشقا، مۇقەددەس كىتابنى ئوقۇش ئارقىلىق خۇدانىڭ خۇسۇسىيەتلىرى ھەققىدە تېخىمۇ كۆپ ئۆگۈنەلەيمىز. مەسىلەن، مۇقەددەس كىتاب خۇدانىڭ نېمىنى ياخشى كۆرۈپ، نېمىنى ياخشى كۆرمەيدىغانلىقى؛ كىشىلەرگە قانداق مۇئامىلە قىلىدىغانلىقى ۋە ھەرخىل ئەھۋاللارغا قانداق ئىنكاس قايتۇرىدىغانلىقىنى بىزگە ئېيتىپ بېرىدۇ. —زەبۇر 103:7–10-ئايەتلەرنى ئوقۇڭ.
3. خۇدانىڭ ئىسمى بارمۇ؟
ھەزرىتى ئەيسا خۇداغا دۇئا قىلغاندا: «سېنىڭ ئىسمىڭ مۇقەددەس بولغاي»، دېگەن (مەتتا 6:9، ب ج). بەزىلەر خۇدانىڭ ئىسىملىرى كۆپ، رەب، پەرۋەردىگار ياكى ئاللا، دېيىشىدۇ. ئەمما ئۇلار ئىسىم ئەمەس، نام-ئۇنۋانلاردۇر. خۇدانىڭ پەقەت بىرلا خاس ئىسمى بار. ھەرخىل تىللاردا، پەرقلىق تەلەپپۇز قىلىنىدۇ. ئۇيغۇر تىلىدا بولسا «يەھۋا»، دەپ تەلەپپۇز قىلىنىدۇ.—زەبۇر 83:18-ئايەتنى ئوقۇڭ.
مۇقەددەس كىتابنىڭ نۇرغۇنلىغان تەرجىمە نۇسخىلىرىدا خۇدانىڭ يەھۋا، دېگەن ئىسمى ئىشلىتىلمەي، ئورنىغا پەرۋەردىگار ياكى مەڭگۈ بار بولغۇچى، دېگەن نام-ئۇنۋانلار ئىشلىتىلگەن. ئەمما، مۇقەددەس كىتابنىڭ ئەسلى تېكىستلىرىدە ئاشۇ خۇدانىڭ ئىسمىنى ئۇلارغا بىلدۈرگەن.— يۇھاننا 17:26-ئايەتنى ئوقۇڭ.
ئىسىم 7000 قېتىمغا يېقىن تىلغا ئېلىنغان. ئەيسا كىشىلەرگە خۇدا توغرىسىدا تەلىم بەرگەندە،«خۇدانىڭ ئىسمى بارمۇ؟» ناملىق فىلىمنى كۆرۈڭ
4. يەھۋا بىزگە كۆڭۈل بۆلەمدۇ؟
شۇنچە كۆپ كىشىلەر ئازاب-ئوقۇبەتلەرنى تارتىۋاتىدۇ. بۇ يەھۋا خۇدا بىز ئىنسانلارغا كۆڭۈل بۆلمەيدۇ، دېگەنلىكمۇ؟ بەزىلەر خۇدا بىزنى سىناش ئۈچۈن ئازاب-ئوقۇبەتلەرگە دۇچار قىلىدۇ، دېيىشىدۇ. ئەمما، شۇنداق دېيىش خاتا.—ياقۇپ 1:13-ئايەتنى ئوقۇڭ.
خۇدا بىزنى شان-شەرەپكە ئىگە قىلىپ، بىزگە تاللاش ئەركىنلىكىنى بەرگەن. بىز خۇداغا ئىبادەت قىلىشنى تاللاش ئەركىنلىكىمىز ئۈچۈن مىننەتدار بولماي تۇرالايمىزمۇ؟ (يەشۇ 24:15). لېكىن، نۇرغۇنلار رەزىل ئىشلارنى قىلىشنى تاللىغاچ، ئازاب-ئوقۇبەت تارتىۋاتقانلار كۆپىيىپ كەتتى. شۇنداق ناھەقچىلىكنى كۆرۈش يەھۋانىڭ كۆڭلىنى ئازابلايدۇ.—يارىتىلىش 6:5،6-ئايەتلەرنى ئوقۇڭ.
يەھۋا بىز ئىنسانلارغا كۆڭۈل بۆلىدىغان خۇدادۇر. ئۇ بىزنىڭ شاد-خۇرام تۇرمۇش كەچۈرۈشىمىزنى خالايدۇ. پات-ئارىدا، ئۇ ئازاب-ئوقۇبەتلەرنى ۋە ئازاب-ئوقۇبەتلەر پەيدا قىلغۇچىلارنى ھەم يوق قىلىدۇ. ئەمما ۋاقىت-سائىتى كەلگىچە، خۇدانىڭ ئازاب-ئوقۇبەتلەرنىڭ يۈز بېرىشىگە ۋاقتىنچە يول قويۇشىدا ئالاھىدە سەۋەب بار. بۇ كىتابچىنىڭ 8-دەرسىدە، شۇ سەۋەب توغرىسىدا ئۆگىنىمىز.—2-پېترۇس 2:9؛ 3:7،13-ئايەتلەرنى ئوقۇڭ.
5. قانداق قىلىپ خۇداغا يېقىنلىشالايمىز؟
يەھۋا بىزنى دۇئالىرىمىزدا ئۇنىڭ بىلەن پاراڭلىشىپ، ئۆزىگە يېقىنلىشىشقا چاقىرىدۇ. ئۇ ھەر بىرىمىزگە كۆڭۈل بۆلىدۇ (زەبۇر 65:2؛ 145:18). ئۇ كەچۈرۈم قىلىشقا تەيياردۇر. بىز ھەمىشە خۇدانى خۇرسەن قىلىشقا ئۇرۇنساقمۇ، بەزىدە شۇنداق قىلالمايمىز. شۇنداقتىمۇ، ئۇ كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقلىرىمىزغا نەزەر سالىدۇ. نامۇكەممەل بولساقمۇ، بىز خۇدا بىلەن يېقىن مۇناسىۋەتتە بولۇپ، خۇشاللىق تاپالايمىز.—زەبۇر 103:12–14؛ ياقۇپ 4:8-ئايەتلەرنى ئوقۇڭ.
يەھۋا بىزگە ھاياتلىق بەرگەنىكەن، بىز ئۇنى ھەرقانداق بىرىدىن ئارتۇقراق سۆيۈشىمىز زۆرۈر (ماركۇس 12:30). خۇدا ھەققىدە كۆپرەك بىلىم ئېلىپ، ئۇ تەلەپ قىلغان ئىشلارنى ئورۇنداش ئارقىلىق ئۇنىڭغا بولغان سۆيگۈ-مۇھەببىتىڭىزنى ئىپادىلىگەنسېرى، ئۇنىڭغا تېخىمۇ يېقىنلىشالايسىز.— 1-تىموتىي 2:4؛ 1-يۇھاننا 5:3-ئايەتلەرنى ئوقۇڭ.