مەتتا كىتابى 19:1—30
19 ئەيسا بۇ سۆزلەرنى ئېيتىپ بولغاندىن كېيىن، جەلىلىيە ئۆلكىسىدىن كېتىپ، ئىئوردان دەرياسىنىڭ ئۇ قېتىغا ئۆتۈپ، يەھۇدىيە ئۆلكىسىنىڭ چېگرىلىرىغا كەلدى.
2 نۇرغۇن كىشىلەر ئۇنىڭغا ئەگىشىپ كەلگەن ئىدى. ئەيسا شۇ يەردە كېسەللەرنى ساقايتتى.
3 پەرىسىيلەر ئەيسانى سىناش مەقسىتىدە ئۇنىڭ يېنىغا كېلىپ: «بىر ئادەمنىڭ ھەرقانداق بىر ئىشنى سەۋەب قىلىپ ئايالىدىن ئاجرىشىشى قانۇنغا ئۇيغۇنمۇ؟»— دەپ سورىدى.
4 ئەيسا مۇنداق جاۋاب بەردى: «ياراتقۇچى دەسلەپتە ئۇلارنى ئەر ۋە ئايال قىلىپ ياراتقانلىقىنى ئوقۇمىدىڭلارمۇ؟
5 ئۇ شۇنداق دېگەن: ‹شۇنىڭ ئۈچۈن، ئەر كىشى ئاتا-ئانىسىدىن ئايرىلىپ، ئۆز ئايالى بىلەن باغلىنىدۇ ۋە ئىككىسى بىر تەن بولىدۇ›.
6 دېمەك، ئەمدى ئۇلار ئىككى ئەمەس، بىر تەندۇر. شۇڭا، خۇدا بىر بويۇنتۇرۇق ئاستىدا قوشقاننى، ئىنسان ئايرىمىسۇن».
7 ئۇلار ئەيسادىن: «ئۇنداقتا، مۇسا پەيغەمبەر نېمە ئۈچۈن ئاجراشماقچى بولغان كىشى ئايالىغا ئاجرىشىش خېتىنى بەرسىلا بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى؟»،— دەپ سورىدى.
8 ئەيسا ئۇلارغا: «سىلەرنىڭ باغرىڭلار تاشتەك بولغاچقا، مۇسا ئاياللىرىڭلاردىن ئاجرىشىشقا رۇخسەت بەرگەن. بىراق، دەسلەپتە ئۇنداق ئەمەس ئىدى.
9 سىلەرگە ئېيتىپ قويايكى، كىمكى جىنسىي ئەخلاقسىزلىقتىن باشقا ھەرقانداق بىر ئىشنى سەۋەب قىلىپ، ئايالىدىن ئاجرىشىپ، باشقا بىرى بىلەن توي قىلسا، ئۇ زىنا قىلغان بولىدۇ»،— دېدى.
10 شاگىرتلىرى ئەيساغا: «ئەگەر ئەر بىلەن ئۇنىڭ ئايالى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت شۇنداق بولسا، ئۇنداقتا توي قىلماسلىق ياخشى ئىكەن»،— دېيىشتى.
11 ئەيسا ئۇلارغا: «بۇ سۆزنى ھەممىلا ئادەم ئەمەس، بەلكى خۇدادىن بۇ سوۋغىغا ئېرىشكەنلەرلا قوبۇل قىلالايدۇ.
12 كىشىلەرنىڭ توي قىلماسلىقىنىڭ سەۋەبى خىلمۇ-خىلدۇر: بەزىلەر تۇغما جىنسىي ئاجىزلار، بەزىلەر باشقىلار تەرىپىدىن ئاختا قىلىنغانلار*، يەنە بەزىلەر خۇدا پادىشاھلىقى* ئۈچۈن توي قىلىشتىن ۋاز كەچكەنلەردۇر. شۇڭا، توي قىلماي ياشاشنى قوبۇل قىلالايدىغانلار قوبۇل قىلسۇن»،— دېدى.
13 شۇ چاغدا، بالىلارنىڭ ئۈستىگە قولىنى قويۇپ، ئۇلار ئۈچۈن دۇئا قىلسۇن دەپ كىشىلەر كىچىك بالىلارنى ئەيسانىڭ ئالدىغا ئېلىپ كەلدى. لېكىن، شاگىرتلار ئاشۇ كىشىلەرنى ئەيىبلىدى.
14 ئەيسا: «بالىلار ئالدىمغا كەلسۇن، ئۇلارنى توسماڭلار. چۈنكى، خۇدا پادىشاھلىقى دەل مۇشۇلارغا ئوخشاشلارغا مەنسۇپتۇر»،— دېدى.
15 ئەيسا قوللىرىنى بالىلارنىڭ ئۈستىگە قويۇپ، ئۇلار ئۈچۈن دۇئا قىلغاندىن كېيىن، شۇ يەردىن كېتىپ قالدى.
16 شۇنىڭدىن كېيىن، بىر يىگىت ئەيسانىڭ ئالدىغا كېلىپ: «ئۇستاز، مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئېرىشىش ئۈچۈن قانداق ياخشى ئىشلارنى قىلىشىم كېرەك؟»،— دەپ سورىدى.
17 ئەيسا يىگىتكە: «نېمە ئۈچۈن مېنىڭدىن ياخشىلىق توغرۇلۇق سورايسەن؟ پەقەت بىرلا خۇدا ياخشىدۇر. مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئېرىشمەكچى بولساڭ، ئۇنىڭ ئەمرلىرىگە بويسۇنغىن»،— دېدى.
18 يىگىت: «قايسى ئەمرلەرنى دەيسىز؟»،— دەپ سورىدى. ئەيسا مۇنداق دېدى: «قاتىللىق قىلما، زىنا قىلما، ئوغرىلىق قىلما، يالغان گۇۋاھلىق بەرمە،
19 ئاتا-ئاناڭنى ھۆرمەت قىل ۋە باشقىلارنى* ئۆزۈڭنى سۆيگەندەك سۆي».
20 يىگىت: «بۇلارنىڭ ھەممىسىگە ئەمەل قىلىپ كېلىۋاتىمەن، يەنە نېمە قىلىشىم كېرەك؟»،— دەپ سورىدى.
21 ئەيسا ئۇنىڭغا: «ئەگەر قىلىۋاتقانلىرىڭنىڭ مۇكەممەل بولۇشىنى خالىساڭ، بېرىپ بارلىق مال-مۈلكىڭنى سېتىپ، پۇلۇڭنى كەمبەغەللەرگە بەرگىن. شۇندىلا ئاسماندا خەزىنەڭ بولىدۇ، ئاندىن كېلىپ ماڭا ئەگەشكىن»،— دېدى.
22 يىگىت بۇ سۆزلەرنى ئاڭلاپ، قاتتىق قايغۇرۇپ شۇ يەردىن كېتىپ قالدى. چۈنكى، ئۇنىڭ مال-دۇنياسى ناھايىتى كۆپ ئىدى.
23 شۇنىڭ بىلەن، ئەيسا شاگىرتلىرىغا: «سىلەرگە ھەقنى ئېيتىپ قويايكى، باي كىشىنىڭ خۇدا پادىشاھلىقىغا كىرىشى تەس بولىدۇ.
24 يەنە سىلەرگە ئېيتىمەنكى، باينىڭ خۇدا پادىشاھلىقىغا كىرىشىگە قارىغاندا، تۆگىنىڭ يىڭنە تۆشۈكىدىن ئۆتۈشى ئاسانراق»،— دېدى.
25 بۇنى ئاڭلىغان شاگىرتلار ئىنتايىن ھەيران بولۇپ: «ئۇنداقتا، كىم قۇتقۇزۇلۇشقا ئېرىشەلەيدۇ؟»— دەپ سورىدى.
26 ئەيسا ئۇلارغا قاراپ: «بۇ ئىنسانلارنىڭ قولىدىن كەلمەيدۇ، ئەمما خۇدانىڭ قولىدىن كەلمەيدىغان ئىش يوقتۇر»،— دېدى.
27 بۇنىڭ بىلەن، پېترۇس: «مانا، بىز ھەممە نەرسىلىرىمىزنى تاشلاپ، سىزگە ئەگەشتۇق، بىز نېمىگە ئېرىشىمىز؟»،— دەپ سورىدى.
28 ئەيسا ئۇلارغا مۇنداق جاۋاب بەردى: «سىلەرگە ھەقنى ئېيتسام، بارچە نەرسىلەر يېڭىلانغان ۋاقىتتا، ئىنسانئوغلى شان-شەرەپ تەختىدە ئولتۇرىدۇ. شۇ چاغدا، ماڭا ئەگەشكەن سىلەرمۇ 12 تەختتە ئولتۇرۇپ، ئىسرائىللارنىڭ 12 قەبىلىسىنى ھۆكۈم قىلىسىلەر.
29 مېنىڭ ئىسىمىم ئۈچۈن ئۆيلىرى، ئاكا-ئىنىلىرى، ھەدە-سىڭىللىرى، ئاتا-ئانىلىرى، بالا-چاقىلىرى ياكى يەر-زېمىنلىرىدىن ۋاز كەچكەنلەرنىڭ ھەممىسى ئۆزلىرى يوقاتقانلىرىدىن يۈز ھەسسە ئارتۇقراققا ئېرىشىپ، مەڭگۈلۈك ھاياتنى مىراس ئالىدۇ.
30 لېكىن، ئالدىنقىلىرى بولغان نۇرغۇن كىشىلەر ئاخىرقىلىرى بولىدۇ ۋە ئاخىرقىلىرى بولغانلار ئالدىنقىلىرى بولىدۇ.
بەت ئاستى قۇشۇمچە ئىزاھاتلىرى
^ لۇغەتكە قاراڭ.
^ سۆزمۇ-سۆز: «ئاسمان پادىشاھلىقى».
^ سۆزمۇ-سۆز: «قوشناڭنى».