مەتتا كىتابى 20:1—34
20 «خۇدا پادىشاھلىقى* تاڭ سەھەردە ئۈزۈمزارلىقىغا ئىشلەشكە ئادەملەرنى ياللاشقا چىققان بىر يەر ئىگىسىگە ئوخشايدۇ.
2 ئۇ ئىشچىلارنى كۈنىگە بىر كۈمۈش تەڭگە* بېرىشكە كېلىشىپ، ئۇلارنى ئۈزۈمزارلىقىغا ئەۋەتىپتۇ.
3 سائەت توققۇز* ئەتراپىدا ئۇ يەنە سىرتقا چىقىپ، بازاردا بىكار تۇرغان باشقا كىشىلەرنى كۆرۈپتۇ.
4 ئۇلارغا: ‹سىلەرمۇ ئۈزۈمزارلىقىمغا بېرىپ ئىشلەڭلار، تېگىشلىك ھەققىڭلارنى بېرىمەن›،— دەپتۇ.
5 ئۇلار ئۈزۈمزارلىققا بېرىپتۇ. سائەت ئون ئىككىدە* ۋە چۈشتىن كېيىن سائەت ئۈچلەردە* ئۇ يەنە چىقىپ، بىرنەچچە ئىشچىلارنى ياللاپتۇ.
6 سائەت بەشلەردە* ئۇ يەنە چىقىپ، بىكار تۇرغان يەنە باشقىلارنى كۆرۈپ، ئۇلاردىن: ‹نېمە ئۈچۈن بۇ يەردە كۈن بويى بىكار تۇرىسىلەر؟›،— دەپ سوراپتۇ.
7 ئۇلار: ‹بىزنى ھېچكىم ئىشقا ياللىمىدى›،— دەپ جاۋاب بېرىپتۇ. يەر ئىگىسى ئۇلارغا: ‹ئۇنداقتا، سىلەرمۇ ئۈزۈمزارلىقىمغا بېرىپ ئىشلەڭلار›،— دەپتۇ.
8 كەچ كىرگەندە، ئۈزۈمزارلىقنىڭ ئىگىسى قول ئاستىدىكى باشقۇرغۇچىغا: ‹ئىشچىلارنى چاقىرىپ، ئەڭ ئاخىرىدا كەلگەنلەردىن باشلاپ، ئەڭ ئاۋۋال كەلگەنلەرگىچە ھەممىسىنىڭ ئىش ھەققىنى بەرگىن›،— دەپتۇ.
9 چۈشتىن كېيىن سائەت بەشتە* كېلىپ ئىشلىگەنلەر بىر كۈمۈش تەڭگىدىن* ئاپتۇ.
10 ئەڭ ئاۋۋال ئىشقا ياللانغانلارغا نۆۋەت كەلگەندە، ئۇلار كۆڭلىدە كۆپرەك ئىش ھەققى ئالىمىز دەپ ئويلاپتۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ ھەربىرى بىر كۈمۈش تەڭگە ئاپتۇ.
11 ئۇلار ئىش ھەققىنى قولىغا ئالغاندا، ئۈزۈمزارلىقنىڭ ئىگىسىدىن رەنجىپ:
12 ‹ئاخىرىدا كەلگەنلەر پەقەت بىر سائەت ئىشلىدى. بىز بولساق، كۈن بويى قاتتىق ئىسسىقتا جاپا چېكىپ ئىشلىدۇق، بىراق، سىز بىزگە ئۇلارغا ئوخشاش ئىش ھەققى بەردىڭىز›،— دېيىشىپتۇ.
13 ئۈزۈمزارلىقنىڭ ئىگىسى ئۇلارنىڭ بىرىگە مۇنداق جاۋاب قايتۇرۇپتۇ: ‹دوستۇم، ساڭا ناھەقلىق قىلمىدىم. سەن بىلەن بىر كۈمۈش تەڭگىگە* كېلىشمىگەنمىدۇق؟
14 سەن ئىش ھەققىڭنى ئېلىپ كېتىۋەر، ساڭا قانچىلىك بەرگەن بولسام، ئەڭ ئاخىرىدا كەلگەنلەرگىمۇ شۇنچىلىك بېرىشنى خالايمەن.
15 ئۆز پۇلۇمنى ئۆزۈم خالىغانچە ئىشلىتىش ھوقۇقۇم يوقمۇ؟ ياكى ياخشىلىق قىلغانلىقىمنى كۆرەلمەيۋاتامسەن؟›.
16 شۇنىڭغا ئوخشاش، ئاخىرقىلار ئالدىنقىلار بولۇپ، ئالدىنقىلار ئاخىرقىلار بولىدۇ».
17 يېرۇسالېمغا كېتىپ بارغىنىدا، ئەيسا 12 شاگىرتىنى ئايرىم يېنىغا چاقىرىپ يولدا ئۇلارغا مۇنداق دېدى:
18 «مانا بىز ھازىر يېرۇسالېمغا كېتىۋاتىمىز، شۇ يەردە ئىنسانئوغلى ئالىي روھانىيلار ۋە تەۋرات ئۇستازلىرىنىڭ قولىغا تاپشۇرۇلىدۇ.
19 ئۇلار ئۇنى يات خەلق كىشىلىرىنىڭ قولىغا تاپشۇرۇپ بېرىدۇ. يات خەلقلەر ئۇنى مەسخىرە قىلىپ، قامچىلاپ، تۈۋرۈك ياغاچقا مىخلايدۇ. لېكىن، ئۇ ئۈچىنچى كۈنى تىرىلىدۇ».
20 شۇ چاغدا، زەبەدىينىڭ ئايالى ئىككى ئوغلىنى ئېلىپ، ئەيسانىڭ ئالدىغا كەلدى ۋە ئۇنىڭغا ھۆرمەت-ئېھتىرام بىلدۈرۈپ*، بىر نەرسىنى سورىماقچى بولدى.
21 ئەيسا ئايالدىن: «نېمىنى خالايسىز؟»— دەپ سورىدى. ئايال ئۇنىڭغا: «ماڭا ۋەدە بېرىڭ، پادىشاھلىقىڭىزدا بۇ ئىككى ئوغلۇمنىڭ بىرى ئوڭ يېنىڭىزدا، بىرى سول يېنىڭىزدا ئولتۇرسۇن»،— دېدى.
22 ئەمما، ئەيسا ئۇلارغا: «سىلەر ئۆزۈڭلارنىڭ نېمە سوراۋاتقانلىقىڭلارنى بىلمەيۋاتىسىلەر. مەن ئىچىدىغان قەدەھتىن ئىچەلەمسىلەر؟»،— دەپ سورىدى. ئۇلار: «ئىچەلەيمىز»،— دەپ جاۋاب بېرىشتى.
23 ئەيسا ئۇلارغا: «سىلەر ھەقىقەتەن مەن ئىچىدىغان قەدەھتىن ئىچىسىلەر، بىراق ئوڭ ياكى سول يېنىمدا كىمنىڭ ئولتۇرۇشىنى تاللاش مېنىڭ ئىختىيارىمدا ئەمەس، ئاتام بۇ ئورۇنلارنى كىم ئۈچۈن تەييارلاپ قويغان بولسا، شۇلار ئولتۇرىدۇ»،— دېدى.
24 باشقا ئون شاگىرت بۇنى ئاڭلىغاندا، بۇ ئاكا-ئۇكا ئىككىسىگە قاتتىق ئاچچىقلاندى.
25 ئەيسا ئۇلارنى ئالدىغا چاقىرىپ، مۇنداق دېدى: «سىلەر دۇنيادا ھۆكۈمرانلار ئۆز پۇقرالىرى ئۈستىدىن ئۆزلىرى خالىغانچە ھۆكۈمرانلىق قىلدىغانلىقىنى ۋە ھوقۇقدارلار كۈچىدىن پايدىلىنىپ ناھەق ھوقۇق يۈرگۈزىدىغانلىقىنى بىلىسىلەر.
26 سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا بۇنداق ئىش ئەسلا بولمىسۇن. ئاراڭلاردا كىم يۇقىرى مەرتىۋىلىك بولۇشنى خالىسا، ئۇ باشقىلارغا خىزمەتكار بولسۇن.
27 ئاراڭلاردا كىم بىرىنچى بولۇشنى خالىسا، سىلەرگە قۇل بولسۇن.
28 چۈنكى، ئىنسانئوغلى باشقىلارنى ئۆزىگە خىزمەت قىلدۇرۇش ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى ئۆزى خىزمەت قىلىپ، نۇرغۇنلار ئۈچۈن ئۆز جېنىنى تۆلەم سۈپىتىدە بېرىشكە كەلدى».
29 ئۇلار ئېرىخا شەھىرىدىن چىققاندا، توپ-توپ كىشىلەر ئەيساغا ئەگىشىپ ماڭدى.
30 يول بويىدا ئولتۇرغان ئىككى قارىغۇ كىشى ئەيسانىڭ ئۇ يەردىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقانلىقىنى ئاڭلاپ: «ئى ھەزرىتىم، پادىشاھ داۋۇتنىڭ ئەۋلادى، بىزگە رەھىم-شەپقەت قىلغايسىز!»،— دەپ ۋارقىراشتى.
31 خالايىق ئۇلارنى ئەيىبلەپ، ۋارقىرىماسلىقنى ئېيتتى. لېكىن ئۇلار: «ھەزرىتىم، پادىشاھ داۋۇتنىڭ ئەۋلادى، بىزگە رەھىم-شەپقەت قىلغايسىز!»،— دەپ تېخىمۇ ئۈنلۈك ۋارقىرىدى.
32 ئەيسا توختاپ، ئۇلارنى چاقىرىپ: «سىلەرگە نېمە ئىش قىلىپ بېرەي؟»،— دەپ سورىدى.
33 ئۇلار ئۇنىڭغا: «ھەزرىتىم، كۆزلىرىمىزنى ئاچقايسىز!»،— دېيىشتى.
34 ئەيسا ئۇلارغا ئىچ ئاغرىتىپ، قولىنى ئۇلارنىڭ كۆزلىرىگە تەگكۈزگەنىدى، كۆزلىرى شۇ ھامان ئېچىلىپ كەتتى ۋە ئۇلار ئەيساغا ئەگىشىپ ماڭدى.
بەت ئاستى قۇشۇمچە ئىزاھاتلىرى
^ سۆزمۇ-سۆز: «ئاسمان پادىشاھلىقى».
^ سۆزمۇ-سۆز: «بىر دىنار».
^ سۆزمۇ-سۆز: «ئۈچىنچى سائەت».
^ سۆزمۇ-سۆز: «ئالتىنچى سائەتتە».
^ سۆزمۇ-سۆز: «توققۇزىنچى سائەتتە».
^ سۆزمۇ-سۆز: «ئون بىرىنچى سائەتتە».
^ سۆزمۇ-سۆز: «ئون بىرىنچى سائەتتە».
^ سۆزمۇ-سۆز: «بىر دىنار».
^ سۆزمۇ-سۆز: «بىر دىنار».
^ ياكى «تازىم قىلىپ».