مەتتا كىتابى 22:1—46
22 ئەيسا يەنە تەمسىللەرنى كەلتۈرۈپ، ئۇلارغا سۆز قىلدى:
2 «خۇدا پادىشاھلىقى* خۇددى ئۆز ئوغلى ئۈچۈن توي زىياپىتىنى تەييارلىغان پادىشاھقا ئوخشايدۇ.
3 پادىشاھ توي زىياپىتىگە مېھمانلارنى تەكلىپ قىلىش ئۈچۈن ئۆز چاكارلىرىنى ئەۋەتىپتۇ، لېكىن تەكلىپ قىلىنغانلار كېلىشنى خالىماپتۇ.
4 شۇنىڭ بىلەن، پادىشاھ يەنە باشقا چاكارلىرىنى ئەۋەتىپ، مېھمانلارغا مۇنداق دېيىشنى بۇيرۇپتۇ: ‹مانا، زىياپەت تەييار بولدى، ئۆكۈز ۋە سېمىز ماللار سويۇلدى، ھەممە نەرسە تەييار، توي زىياپىتىگە كېلىڭلار›.
5 بىراق، مېھمانلار چاكارلارنىڭ سۆزلىرىگە ئېتىبار بەرمەي، بىرى ئېتىزىغا، يەنە بىرى ئۆز تىجارىتىنى قىلىشقا كېتىپتۇ.
6 قالغانلىرى بولسا پادىشاھنىڭ چاكارلىرىنى تۇتۇۋېلىپ، ئۇرۇپ-سوقۇپ ئۆلتۈرۈۋېتىپتۇ.
7 قاتتىق غەزەپكە تولغان پادىشاھ لەشكەرلىرىنى ئەۋەتىپ، ئاشۇ قاتىللارنى ئۆلتۈرۈپ، ئۇلارنىڭ شەھەرلىرىنى كۆيدۈرۈۋېتىپتۇ.
8 ئاندىن پادىشاھ چاكارلىرىغا مۇنداق دەپتۇ: ‹توي زىياپىتى تەييار، لېكىن تەكلىپ قىلىنغانلار ئۇنىڭغا لايىق بولمىدى.
9 شۇڭا، سىلەر شەھەردىن چىقىپ، چوڭ يوللارغا بېرىپ، ئۇچراتقان كىشىلەرنىڭ ھەممىسىنى توي زىياپىتىگە تەكلىپ قىلىڭلار›.
10 شۇنىڭ بىلەن، چاكارلار چىقىپ، چوڭ يوللاردا ئۇچراتقان ياخشى-يامان ھەممە كىشىلەرنى چاقىرىپتۇ. توي مەرىكىسى ئۆتكۈزۈلگەن ساراي مېھمانلار بىلەن تولۇپتۇ.
11 پادىشاھ مېھمانلار بىلەن كۆرۈشكىلى كىرگەندە، توي كىيىمىنى كىيمىگەن بىر كىشىنى كۆرۈپ قاپتۇ.
12 پادىشاھ ئۇنىڭدىن: ‹ئەي دوستۇم، توي كىيىمىنى كىيمەي بۇ يەرگە قانداق كىردىڭ؟› دەپ سوراپتۇ. ئۇ كىشى ئۈندىمەي تۇرۇپتۇ.
13 شۇنىڭ بىلەن، پادىشاھ ئۆز چاكارلىرىغا: ‹ئۇنىڭ پۇت-قوللىرىنى باغلاپ، سىرتقا ئېلىپ چىقىپ قاراڭغۇلۇققا تاشلاڭلار. ئۇ يەردە ئۇ يىغلاپ، چىشلىرىنى غۇچۇرلىتىدۇ›،— دەپتۇ.
14 چۈنكى تەكلىپ قىلىنغانلار كۆپ، لېكىن تاللانغانلار ئاز».
15 شۇ چاغدا، پەرىسىيلەر ئۇ يەردىن كېتىپ، ئەيسانى ئۆز سۆزلىرى بىلەن تۇزاققا چۈشۈرۈش ھەققىدە مەسلىھەتلەشتى.
16 شۇنىڭ بىلەن، ئۇلار ئۆز شاگىرتلىرىنى ھىرود تەرەپدارلىرى بىلەن ئەيسانىڭ يېنىغا ئەۋەتىپ: «ئەي ئۇستاز، سىزنىڭ ھەقنى سۆزلەپ، خۇدانىڭ ھەقىقەت يولىدا مېڭىش ھەققىدە تەلىم بېرىدىغانلىقىڭىزنى بىلىمىز. سىز ھېچكىمگە يۈز خاتىرە قىلمايسىز. چۈنكى، سىز ئىنساننىڭ تاشقى كۆرۈنۈشى بىلەن ھېسابلىشىپ ئولتۇرمايسىز.
17 ئەمدى بىزگە ئېيتىڭا، سىزنىڭچە قەيسەرگە باج تۆلەش قانۇنغا ئۇيغۇنمۇ؟»،— دەپ سورىدى.
18 لېكىن، ئەيسا ئۇلارنىڭ يامان نىيىتىنى بىلىپ، ئۇلارغا: «ئەي ساختىپەزلەر، نېمىشقا مېنى سىنىماقچى بولۇۋاتىسىلەر؟
19 ماڭا باجغا تۆلەيدىغان كۈمۈش تەڭگىنى كۆرسىتىڭلار»،— دېدى. ئۇلار بىر دىنارنى* ئېلىپ، ئۇنىڭغا بەردى.
20 ئەيسا ئۇلاردىن: «بۇ سۈرەت ۋە ئىسىم كىمنىڭ؟»،— دەپ سورىدى.
21 ئۇلار ئۇنىڭغا: «قەيسەرنىڭكى»،— دېدى. شۇنىڭ بىلەن، ئەيسا ئۇلارغا: «ئۇنداق بولسا، قەيسەرنىڭ ھەققىنى قەيسەرگە، خۇدانىڭ ھەققىنى خۇداغا بېرىڭلار»،— دېدى.
22 ئۇلار بۇنى ئاڭلاپ ھەيران قېلىشتى ۋە ئەيسانى تاشلاپ كېتىپ قالدى.
23 شۇ كۈنى تىرىلىشكە ئىشەنمەيدىغان سادۇقىيلار ئەيسانىڭ ئالدىغا كېلىپ مۇنداق سورىدى:
24 «ئەي ئۇستاز، مۇسا پەيغەمبەر: ‹ئەگەر بىر كىشى پەرزەنت كۆرمەي ئۆلۈپ كەتسە، ئىنىسى ئۇنىڭ ئايالىنى ئېلىپ، ئۆز ئاكىسى ئۈچۈن ئەۋلاد قالدۇرسۇن› دېگەنىدى.
25 ئىلگىرى ئارىمىزدا يەتتە ئاكا-ئۇكا بار ئىدى. بىرىنچىسى ئۆيلىنىپ، پەرزەنت كۆرمەي ئۆلۈپ كەتكەن. ئىنىسى يەڭگىسىنى ئەمرىگە ئالغان.
26 ئىككىنچى، ئۈچىنچى تاكى يەتتىنچى ئىنسىغىچە ئوخشاش ئىش داۋام قىلغان.
27 ئەڭ ئاخىرىدا شۇ ئايالمۇ ئۆلۈپ كەتتى.
28 ئۆلگەنلەر تىرىلگەندە، بۇ ئايال يەتتە ئاكا-ئۇكىنىڭ قايسىسىنىڭ ئايالى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ؟ چۈنكى، ئۇلارنىڭ ھەممىسى بۇ ئايالغا ئۆيلەنگەن ئىدى».
29 ئەيسا ئۇلارغا مۇنداق جاۋاب بەردى: «سىلەر مۇقەددەس يازمىلار ۋە خۇدانىڭ كۈچ-قۇدرىتىنى بىلمىگەنلىكىڭلار ئۈچۈن خاتالىشىسىلەر.
30 چۈنكى، ئادەملەر تىرىلگەندە، ئۇلار ئۆيلەنمەيدۇ ياكى تۇرمۇشقا چىقمايدۇ، بىراق ئۇلار ئاسماندىكى پەرىشتىلەردەك بولىدۇ.
31 ئۆلۈكلەرنىڭ تىرىلىشى ھەققىدە خۇدانىڭ نېمە دېگەنلىكىنى ئوقۇمىغانمۇ؟ ئۇ مۇنداق دېگەن:
32 ‹مەن ئىبراھىمنىڭ خۇداسى، ئىسھاقنىڭ خۇداسى ۋە ياقۇپنىڭ خۇداسى›. ئۇ ئۆلۈكلەرنىڭ ئەمەس، بەلكى تىرىكلەرنىڭ خۇداسىدۇر».
33 بۇنى ئاڭلىغان خالايىق ئۇنىڭ بەرگەن تەلىمىگە ھەيران بولۇپ قېلىشتى.
34 ئەيسانىڭ سادۇقىيلارنىڭ ئاغزىنى تۇۋاقلاپ قويغانلىقىنى ئاڭلىغان پەرىسىيلەر بىر يەرگە جەم بولۇشتى.
35 ئۇلارنىڭ ئارىسىدىن بىر تەۋرات ئۇستازى ئەيسانى سىناپ مۇنداق سورىدى:
36 «ئۇستاز، تەۋرات قانۇنىدىكى قايسى ئەمر ئەڭ مۇھىم؟»
37 ئەيسا ئۇنىڭغا مۇنداق جاۋاب بەردى: «‹خۇدايىڭ يەھۋانى پۈتۈن قەلبىڭ، پۈتۈن جېنىڭ ۋە پۈتۈن زېھنىڭ بىلەن سۆيگىن›.
38 مانا بۇ بىرىنچى ۋە ئەڭ مۇھىم ئەمر.
39 شۇنىڭغا ئوخشاش، ئىككىنچى ئەمر: ‹باشقىلارنى* ئۆزۈڭنى سۆيگەندەك سۆي›.
40 بارچە تەۋرات قانۇنى ۋە پەيغەمبەرلەرنىڭ يازمىلىرى بۇ ئىككى ئەمرگە ئاساسلانغان».
41 پەرىسىيلەر توپلىشىپ تۇرغاندا، ئەيسا ئۇلاردىن:
42 «مەسىھ توغرىسىدا نېمە ئويلايسىلەر؟ ئۇ كىمنىڭ ئەۋلادى؟»،— دەپ سورىدى. ئۇلار: «داۋۇتنىڭ ئەۋلادى»،— دېيىشتى.
43 ئەيسا ئۇلاردىن مۇنداق سورىدى: «ئۇنداقتا، داۋۇت قانداقمۇ مۇقەددەس روھنىڭ ئىلھامى بىلەن ئۇنى ‹ھەزرىتىم› دەپ ئاتايدۇ؟ ئۇ شۇنداق دېگەنغۇ:
44 ‹يەھۋا ھەزرىتىمگە: ‹دۈشمەنلىرىڭنى ئايىغىڭ ئاستىغا قويمىغۇچە، مېنىڭ ئوڭ يېنىمدا ئولتۇرغىن›،— دېدى.
45 ئەگەر داۋۇت ئۇنى ھەزرىتىم دەپ ئاتىسا، قانداقمۇ مەسىھ ئۇنىڭ ئەۋلادى بولىدۇ؟»
46 ھېچكىم ئەيساغا جاۋاب بېرەلمىدى. شۇ كۈندىن باشلاپ، ھېچكىم ئۇنىڭدىن سوئال سوراشقا جۈرئەت قىلالمىدى.