خۇلدا ئۆز مەقسىتىگە قول يەتكۈزدى
ئەگەر سىز ھىندۇنېزىيەدىكى سانگىر بېسار دېگەن ئارالنى زىيارەت قىلغان بولسىڭىز، دېڭىز بويىدا ئۈچ قېرىنداشنى كۆرەتتىڭىز. ئۇلار بۇ ئارالدا كىشىلەرگە مۇقەددەس كىتابنى ئۆگىنىشكە ياردەم بېرىش ئىشى بىلەن ھەممىگە مەلۇم. ئەمما، شۇ ۋاقىتتا ئۇلار تامامەن باشقا ئىش بىلەن ئالدىراش ئىدى.
ئۇلار دېڭىزغا كىرىپ، يوغان تاشلارنى قۇرۇقلۇققا چىقارغان ئىدى. شۇ تاشلارنىڭ بەزىلىرى خۇددى پۇتبول توپىدەك چوڭ ئىدى. كېيىن ئۇلار كىچىك ياغاچ ئورۇندۇقلارغا ئولتۇرۇپ، بولقا بىلەن تاشلارنى ئۇرۇپ، پارچىلاشقا باشلايدۇ. نەتىجىدە، بۇ تاشلارنىڭ كۆلىمى توخۇ تۇخۇمىدىن كىچىك بولىدۇ. قېرىنداشلار بۇ پارچىلانغان تاشلارنى پلاستىك چېلەكلەرگە سېلىپ، پەلەمپەي بىلەن ئۆز ئۆيلىرى تەرەپكە ئېلىپ كۆتىرىدۇ. ئۇلار بۇ تاشلارنى يوغان خالتىلارغا سالىدۇ. كېيىن بۇ تاشلار قۇرۇلۇشتا ئىشلىتىلىدۇ.
بۇ ئۈچ قېرىنداشنىڭ بىرى خۇلدا ئىدى. ئۇ باشقىلارغا قارىغاندا بۇ ئىشقا كۆپرەك ۋاقىت سەرپ قىلالاتتى. ئادەتتە خۇلدا بۇ پۇلنى ئائىلىسىنى بېقىش ئۈچۈن ئىشلىتەتتى. لېكىن بۇ قېتىم ئۇنىڭدا يەنە بىر مەقسەت بار ئىدى. ئۇ «®JW Library» پروگراممىسىنى چۈشۈرۈۋېلىش ئۈچۈن، ئۆزىگە بىر قول كومپۇتېر سېتىۋالماقچى بولغان. خۇلدا بۇ پروگراممىدىكى فىلىملەر ۋە نەشىرلەر ئۇنىڭ خىزمەت قىلىش ساپاسىنى كۆتىرىپ، مۇقەددەس كىتابنى چوڭقۇرراق چۈشىنىشىگە ياردەم بېرىدىغانلىقىنى چۈشىنەتتى.
كېيىنكى بىر يېرىم ئاي داۋامىدا، خۇلدا ئەتىگەندە ئىككى سائەت كۆپرەك ئىشلىگەن ئىدى. ئۇ ئىنتايىن كۆپ تاشلارنى پارچىلاپ، ئۇلار بىلەن بىر كىچىك يۈك ماشىنىسىنى تولدۇرۇشقا بولاتتى. ئاخىرىدا خۇلدا قول كومپۇتېرغا يېتەرلىك پۇل يىغىۋالدى.
ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «تاشلارنى پارچىلاش ئىنتايىن قىيىن بىر ئىش. مەن بەك چارچاپ كېتەتتىم ۋە بېلىمنى كۆتۈرەلمەي كېتەتتىم. بىراق يېڭى قول كومپۇتېرنى قولۇمغا ئالغاندا، ھېرىپ-چارچاشنىڭ ھەممىسىنى ئۇنتۇپ قالدىم. قول كومپۇتېرنىڭ ياردىمىدە ماڭا ۋەز قىلىش ۋە جامائەت يىغىلىشلىرىغا تەييارلىق قىلىش ئاسانراق بولدى». خۇلدىنىڭ ئېيتىشىچە، بولۇپمۇ تارقىلىشچان ۋىرۇس باشلانغاندا، بۇ قول كومپۇتېرنىڭ ياردىمى ئىنتايىن زور بولدى. چۈنكى، كېيىن ھەممە يىغىلىشلار ۋە ۋەز خىزمىتى تور ئارقىلىق بولغان ئىدى. بىزمۇ خۇلدا بىلەن بىرگە ئۆز مەقسىتىگە قول يەتكۈزگەنلىكى ئۈچۈن ئىنتايىن خۇشال.