مۇھتاجلارغا ياردەم قولىنى سۇنغانلار بەرىكەتلىنىدۇ
دۇنيادىكى نۇرغۇن كىشىلەر يېمەك-ئىچمەك ۋە ئۆي-ماكانغا مۇھتاج. بەزىلەر كېلەچەككە بولغان ئۈمىدكە مۇھتاج. شۇ مۇھتاجلىقتا قالغانلارغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن چىقارغان كۈچىمىز پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدىن چەتتە قالمايدۇ ۋە چوقۇم بەرىكەتلىنىدۇ.
مۇقەددەس يازمىلار نېمە دەيدۇ؟
«بىچارىگە شاپائەت كۆرسەتكەن يەھۋاغا قەرز بەرگەن بولار، ئۇنىڭ قىلغانلىرىغا خۇدا ئۆزى قايتۇرار».—پەندى-نەسىھەت 19:17.
مۇھتاجلارغا ياردەم بېرىش نېمىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؟
ھەزرىتى ئەيسا مېھرىبان كىشى ھەققىدە مىسال كەلتۈرگەن. قاراقچىلار بىر كىشىنى ئۇرۇپ، چالا ئۆلۈك ھالىتىدە يولنىڭ چېتىگە تاشلىۋەتكەن (لۇقا 10:29—37). شۇ يولدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقان كىشى ئۇنى كۆرۈپ، ئىچ ئاغرىتىپ يارىلىرىنى تېڭىپ قويغان. بۇ يولۇچى باشقا مىللەتتىن بولسىمۇ، شۇ مۇھتاجلىقتا قالغان كىشىگە ياردەم قولىنى سۇنغان.
مېھرىبان كىشى ئۇنىڭ يارىلىرىنى تېڭىپ، ماددىي ياردەم بېرىپ قالماي، بەلكى ئۇنىڭغا ھەم تەسەللى بەرگەن.
بۇ مىسالدىن قانداق ساۋاق ئالساق بولىدۇ؟ ئەيسا ئەلەيھىسسالام بۇ مىسال ئارقىلىق مۇھتاجلىقتا قالغانلارغا قولىمىزدىن كېلىشىچە ياردەم قىلىش كېرەكلىكىنى ئۆگەتكەن (پەندى-نەسىھەت 14:31). مۇقەددەس يازمىلاردا، خۇدانىڭ پات-يېقىندا نامراتلىق ۋە ئازاب-ئوقۇبەتلەرنى يوق قىلىدىغانلىقى ئېيتىلغان. ئۇنداقتا، ئاشۇ ۋەدىلەر قاچان ۋە قانداق ئەمەلگە ئاشىدۇ؟ كېيىنكى ماقالىدە، ياراتقۇچى سىزنى قانداق بەرىكەتلەرگە ئېرىشتۈرمەكچى بولغانلىقىنى كۆرىمىز.