مۇقەددەس كىتاب ھاياتنى ئۆزگەرتىدۇ
«ھازىر دۇنيانى ئۆزگەرتىشىم كېرەك، دەپ ئەسلا ئويلىمايمەن»
تۇغۇلغان يىلى: 1966
دۆلىتى: فىنلاندىيە
قىسقىچە تارىخى: سىياسىي پائالىيەتچى
ئۆتمۈشتىكى ھاياتىم:
بالىلىق چېغىمدىن تەبىئەتنى ياخشى كۆرىمەن. مەركىزى فىنلاندىيىنىڭ يۇۋاسكۇلا شەھىرىدە تۇغۇلۇپ، چوڭ بولدۇم. ئائىلەم بىلەن ئەتراپىمىزدىكى قويۇق ئورمانلار ۋە گۈزەل كۆللەرگە دائىم بېرىپ، خۇشال-خۇرام دەم ئېلىپ ھۇزۇر ئالاتتۇق. مەن ھايۋاناتلارنىمۇ بەك ياخشى كۆرىمەن. كىچىك چېغىمدا، مەن ئىت ياكى مۆشۈكنى كۆرسەم، قۇچۇقۇمغا ئالغۇم كېلەتتى. چوڭراق بولغاندا، كىشىلەرنىڭ ھايۋاناتلارنى خورلىغانلىقىنى كۆرۈپ، كۆڭلۈم يېرىم بولغان ئىدى. كېيىنرەك، مەن ھايۋاناتلارنى قوغداش تەشكىلاتىغا ئەزا بولدۇم. ئۇ يەردە ئوي-پىكىرلىرىمىز ئوخشاش كىشىلەرنى ئۇچراتتىم.
ھايۋاناتلارنى قوغداش ئۈچۈن پائالىيەتلەرنى ئېلىپ باردۇق. تەشۋىقات ۋاراقچىلىرىنى تارقاتتۇق. يۇڭ-تېرە مەھسۇلاتلىرىنى سېتىۋاتقان دۇكانلارغا ۋە ھايۋاناتلارنى تەجرىبە سىنىقى قىلىدىغانلار ئورۇنلارغا قارشى نامايىشلارنى ئۆتكۈزەتتۇق. بىز ھەتتا ھايۋاناتلارنى قوغداش ئۈچۈن يېڭى تەشكىلاتنى قۇردۇق. پائالىيىتىمىزنى كەڭ دائىرىدە ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن چەكتىن ئاشقان ئۇسۇللارنى قوللانغانلىقىمىز ئۈچۈن، ئاۋارىچىلىقلارغا دۇچ كېلەتتۇق. يەنى ھۆكۈمەت تەرىپىدىن بىرنەچچە قېتىم قولغا ئېلىنىپ، سوتلاندىم.
مېنىڭ قەلبىمنى پەقەت ھايۋاناتلارنىڭ مەسىلىسى ئەمەس، بەلكى دۇنيادىكى باشقا قىيىنچىلىقلارمۇ ئازابلىدى. ۋاقىت ئۆتۈپ، مەن «خەلقئارالىق سىياسىي مەھبۇسلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈرۈش تەشكىلاتى» ۋە «يېشىل تىنچلىق تەشكىلاتى» قاتارلىق بىرقانچە تەشكىلاتقا ئەزا بولدۇم. ئۇلارنىڭ پائالىيىتىنى قوللاپ-قۇۋۋەتلەش ئۈچۈن بار كۈچۈمنى چىقاردىم. كەمبەغەل، ئاچارچىلىق ۋە مۇھتاجلىقتا قالغانلار ۋە باشقا قىيىنچىلىقنى باشتىن كەچۈرۈۋاتقانلارنىڭ ھوقۇقلىرىنى ھىمايە قىلاتتىم.
لېكىن، ۋاقىت ئۆتكەنسېرى دۇنيادىكى ئەھۋالنى ئۆزگەرتەلمەيدىغانلىقىمنى چۈشەندىم. مەزكۇر تەشكىلاتلار بەزى كىچىك قىيىنچىلىقلارنى ھەل قىلغان بولسىمۇ، چوڭ قىيىنچىلىقلارنى ھەل قىلالمىغان. ھەتتا شۇ قىيىنچىلىقلار تېخىمۇ ئېغىرلىشىپ كەتكەن ئىدى. خۇددى رەزىل كۈچلەر پۈتۈن دۇنيانى چاڭگىلىغا ئېلىۋالغاندەك ۋە ھېچكىمنىڭ كارى يوقتەك تۇيۇلغان ئىدى. مەن ئۆزۈمنى قولۇمدىن ھېچ نەرسە كەلمەيدىغاندەك ھېس قىلدىم.
مۇقەددەس كىتاب ھاياتىمنى ئۆزگەرتتى:
قولۇمدىن ھېچ نەرسە كەلمىگىنى ئۈچۈن، كۆڭلۈم بەك ئاغرىپ، خۇدا ۋە مۇقەددەس كىتاب ھەققىدە ئويلىنىشقا باشلىدىم. بۇرۇن يەھۋا گۇۋاھچىلىرى بىلەن مۇقەددەس كىتابنى تەتقىق قىلغان ئىدىم. گەرچە ئۇلارنىڭ ماڭا بولغان مېھرىبانلىقى ۋە غەمخورلىقىنى ياقتۇرغان بولساممۇ، ھايات تەرزىمنى ئۆزگەرتىشكە تەييار بولمىغان ئىدىم. بىراق، بۇ قېتىم ۋەزىيەت باشقىچە ئىدى.
مۇقەددەس كىتابنى ئېلىپ، ئوقۇشنى باشلىدىم. بۇ مېنىڭ يارىلانغان قەلبىمگە خۇددى شىپالىق مەلھەمدەك بولدى. ئوقۇغان كۆپ ئايەتلەرنىڭ ھايۋاناتلارغا ياخشى مۇئامىلە قىلىشقا ئۈندەيدىغانلىقىنى بايقىدىم. مەسىلەن، «ھەققانىي كىشى ئۆز مال-چارۋىلىرىغا غەمخورلۇق قىلار»،— دەپ يېزىلغان (پەندى-نەسىھەت 12:10). شۇنداقلا مەن بۇ دۇنيادىكى قىيىنچىلىقلارغا خۇدانىڭ ئەيىبكار ئەمەسلىكىنى چۈشىنىپ يەتتىم. ئادەملەر خۇدانىڭ يول-يورۇقىغا ئەمەل قىلمىغاچقا، قىيىنچىلىقلار ئېغىرلىشىپ كېتىدۇ. يەھۋانىڭ مېھىر-مۇھەببىتى ۋە سەۋر-تاقىتى توغرۇلۇق بىلگەندە، بۇ ماڭا قاتتىق تەسىر قىلدى.—زەبۇر 103:8—14.
شۇ ۋاقىتتا، «مۇقەددەس كىتابتا زادى نېمە ھەقىقەت بار؟» ناملىق كىتابقا ئېرىشىش ئۈچۈن ئىلتىماسنى تولدۇرۇپ ئەۋەتتىم. ئۇزۇن ئۆتمەي، يەھۋا گۇۋاھچىلىرى ئۆيۈمگە كېلىپ، مۇقەددەس كىتاب تەتقىق ئۆگىنىشى ئۆتكۈزۈشكە تەكلىپ قىلدى. مەن تەكلىپنى قوبۇل قىلدىم. شۇنداقلا مەن ئىبادەت يىغىلىشلىرىغا بېرىشنى باشلىدىم. نەتىجىدە، مۇقەددەس كىتابتىكى ھەقىقەت قەلبىمدە چوڭقۇر يىلتىز تارتىشقا باشلىدى.
مۇقەددەس كىتاب ھاياتىمنى ئۆزگەرتىشكە ياردەم بەردى. تاماكا چېكىشنى، ھاراقنى ھەددىدىن زىيادە كۆپ ئىچىشنى تاشلىدىم. تاشقى كۆرۈنۈشۈمنى تۈزىتىپ، ئاغزىمنى يامان قىلىشنى توختاتتىم. ئۇنىڭدىن باشقا، مەن ھۆكۈمەتلەرگە بولغان كۆز قارىشىمنى ئۆزگەرتتىم (رىملىقلار 13:1). ئەخلاقسىز ھايات كەچۈرۈش تەرزىگە پېتىپ قالغان ئىدىم. بىراق، بۇ تەرەپتىنمۇ كۆپ ئۆزگۈرۈشلەرنى قىلدىم.
مەن ئۈچۈن سىياسىي تەشكىلاتلارغا بولغان كۆز قارىشىمنى ئۆزگەرتىش ئىنتايىن قىيىن بولدى. بۇنىڭغا كۆپ ۋاقىت كەتتى. باشتا شۇ تەشكىلاتلاردىن ئالاقەمنى ئۈزسەم، خىيانەت قىلغان بولۇمەن دەپ ئويلىدىم. لېكىن، ۋاقىت ئۆتكەنسېرى پەقەت خۇدا پادىشاھلىقى ھەقىقىي ئۈمىدنى بېرەلەيدىغانلىقىغا كۆزۈم يەتتى. شۇڭا، مەن بۇ پادىشاھلىقنى قوللاپ-قۇۋۋەتلەش ئۈچۈن كۈچ چىقىرىشقا تىرىشاتتىم.—مەتتا 6:33.
قانداق پايدا ئالدىم؟
مەن سىياسىي پائالىيەتچى بولغاچ، كىشىلەرنى ئىككى توپقا بۆلەتتىم. بىرلىرى ياخشى، باشقا بىرلىرى يامان. يامان دەپ قارىغان ئادەملەرگە قارشى چىقاتتىم. بىراق، مۇقەددەس كىتابنىڭ ياردىمى ئارقىلىق ئەمدى ئادەملەرگە ئۆچمەنلىك قىلىشنى تاشلىدىم. ئەكسىنچە، خۇداغا خاس مېھىر-مۇھەببەتنى بارلىق ئىنسانلارغا كۆرسىتىشكە تىرىشىمەن (مەتتا 5:44). بۇنداق مېھىر-مۇھەببەت كۆرسىتىشنىڭ بىر يولى — پادىشاھلىق ھەققىدىكى خۇش خەۋەرنى باشقىلارغا ئېيتىش. ۋەز ئېيتىش ئارقىلىق ئادەملەرنىڭ تىنچلىق ۋە شاد-خۇراملىققا ئېرىشىشىگە ياردەم بېرەلىگەنلىكىمنى كۆرگەندە، خۇشاللىقىم ئىچىمگە پاتماي قالىدۇ.
قىيىنچىلىقلارنى يەھۋا خۇدانىڭ قولىغا تاپشۇرۇشنى ئۆگىنىپ، كۆڭلۈم تىنچ-خاتىرجەملىك تاپتى. يەھۋا ياراتقۇچى سۈپىتىدە، كىشىلەرنىڭ ھايۋاناتلارنى مەڭگۈ خورلىشىغا ۋە گۈزەل يۇرت-ماكانىمىز بولغان يەرشارىنى ۋەيران قىلىشىغا ھەرگىز يول قويمايدۇ. ئەكسىنچە، پات-يېقىندا خۇدا پادىشاھلىقى يامانلىق قىلغۇچىلار كەلتۈرۈپ چىقارغان بارلىق زىياننى يوق قىلىدۇ (يەشايا 11:1—9). بۇ ھەقىقەتلەرنى بىلگىنىم ئۈچۈنلا ئەمەس، بەلكى باشقىلارنىڭ شۇ كەلگۈسى ھەققىدىكى ئۈمىدكە ئىشەنچ باغلىشىغا ياردەم بېرەلىگەنلىكىمدىن زور مەمنۇنلۇق ھېس قىلىمەن. ھازىر دۇنيانى ئۆزگەرتىشىم كېرەك، دەپ ئەسلا ئويلىمايمەن.