مۇقەددەس كىتاب ھاياتنى ئۆزگەرتىدۇ
مەن ھېچقاچان يېنىمغا قورال سالماي، ھېچ يەرگە بارمايتتىم
تۇغۇلغان يىلى: 1958
دۆلىتى: ئىتالىيە
قىسقىچە مەلۇمات: قارا جەمىيەتنىڭ ئەزاسى
ئۆتمۈشتىكى ھاياتىم:
مەن رىم شەھىرىنىڭ ئاساسەن ئىشچىلار ياشايدىغان كەمبەغەل بىر رايونىدا تۇغۇلۇپ چوڭ بولدۇم. ھاياتىم جاپا-مۇشەققەتكە تولغان ئىدى. مەن ئاپامنى ھېچقاچان كۆرمىگەن ئىدىم. دادام بىلەن مۇناسىۋىتىم ياخشى ئەمەس ئىدى. كوچىلاردا يۈرۈپ، ھايات كەچۈرۈشنى ئۆگەندىم.
ئون يېشىمدا مەن ئوغۇرلۇق قىلىشقا باشلىدىم، ئون ئىككى يېشىمدا بولسا، بىرىنچى قېتىم ئۆيدىن قېچىپ كەتتىم. دادام مېنى بىرقانچە قېتىم مەركىزى ساقچىخانىدىن ئېلىپ چىقىپ، ئۆيگە ئېلىپ كەتتى. مەن ئىنتايىن زوراۋان بولۇپ، ھەممىلا ئادەم بىلەن دائىم تاللاش-تارتىش قىلاتتىم، پۈتكۈل دۇنياغا قاتتىق ئاچچىقلىنىپ يۈرەتتىم. ئون تۆت ياشقا كىرگەندە، ئاخىرى ئۆيدىن قېچىپ كەتتىم، شۇ ۋاقىتتىن باشلاپ، زەھەر چېكىپ، كوچىلاردا ھايات كەچۈرۈشنى باشلىدىم. ئۇخلايدىغان ھېچ بىر جايىم بولمىغاچ، مەن ئادەتتە بىرەر ماشىنىنىڭ ئىچىگە كىرىپ، تاڭ ئاتقۇچە ئۇخلىۋالاتتىم. كېيىن ئەتىگەندە، يۇيۇنۇش ئۈچۈن بىر فونتان ئىزدەيتتىم.
مەن ھەقىقەتەن ماھىر بىر ئوغرى بولدۇم. پەقەت سومكىلاردىن ئۇششاق نەرسىلەرنى ئوغۇرلاش ماھارىتىم ئەمەس، بەلكى يېرىم كېچىدە ئۆيلەرگە كىرىپ، بۇلاڭچىلىق قىلىش ماھارىتىم ھەم ئاشقان ئىدى. مېنىڭ يامان نام-ئاتىقىم چىقىپ كەتتى ۋە ئۇزۇن ئۆتمەي بىر داڭلىق قارا جەمئىيەتكە قوبۇل قىلىندىم. بۇ مېنى بانكىلارنى بۇلاش ماھارىتىنى ئاشۇرۇش پۇرسىتىگە ئىگە قىلدى. قېنىم قىزىق، زوراۋان كىشى بولغىنىم ئۈچۈن مەن شۇ قارا جەمئىيەت ئەزالىرىنىڭ ئىشەنچىسىگە چاپسانلا ئېرىشتىم. مەن دائىم تاپانچا ئېلىپ يۈرەتتىم، ھەتتا ئۇنى ياستۇقنىڭ ئاستىغا قويۇپ ئۇخلايتتىم. ھاياتىم زوراۋانلىق، زەھەر، ئوغۇرلۇق، سېسىق سۆزلەر ۋە ئەخلاقسىزلىققا تولغان ئىدى. ساقچىلار ھەمىشە ئارقامغا چۈشۈپ، ماڭا ئەگىشىپ يۈرەتتى. مەن بىرنەچچە قېتىم قولغا ئېلىنىپ، تۈرمىدە ياتتىم.
مۇقەددەس كىتاب ھاياتىمنى ئۆزگەرتتى:
بىر كۈنى تۈرمىدىن چىققاندا، مەن كىچىك ھەدەمنى يوقلاپ كەلمەكچى بولدۇم. شۇ ۋاقىتتا ئۇ ئىككى بالىسى بىلەن بىرگە يەھۋا گۇۋاھچىلىرى بولغانلىقىنى بىلدىم. ئۇلار مېنى جامائەت يىغىلىشىغا تەكلىپ قىلدى. مەن ئۇ يەرگە قىزىقىش ئۈچۈن باردىم. ئىبادەت ئۆيىگە كەلگەندە، مەن كىرىپ چىقىۋاتقان ھەممە كىشىلەرنى كۆرۈپ تۇرۇش ئۈچۈن ئىشىككە يېقىن ئولتۇردۇم. شۇ چاغدىمۇ، يېنىمدا تاپانچا بار ئىدى.
ئاشۇ يىغىلىش ھاياتىمنى ئۆزگەردى. ئېسىمدە قېلىشىچە، مەن شۇ يەردە ئۆزۈمنى باشقا بىر سەييارىگە كېلىپ قالغاندەك ھېس قىلغان ئىدىم! شۇ يەردىكى ئادەملەر مېنى ئىللىق تەبەسسۇم بىلەن قارشى ئالغان ئىدى. ئۇلارنىڭ كۆزلىرىدىن ئاق كۆڭۈللۈك ۋە سەمىمىي مېھىر-مۇھەببەت چىقىپ تۇرغانلىقى تېخى ئېسىمدىن كەتمەيدۇ. بۇ تامامەن باشقا بىر دۇنيا ئىدى!
مەن يەھۋا گۇۋاھچىلىرى بىلەن مۇقەددەس كىتابنى تەتقىق قىلىپ ئۆگىنىشنى باشلىدىم. بىلىم ئالغانسېرى، ھايات تەرزىمنى پۈتۈنلەي ئۆزگەرتىشىم كېرەكلىكىنى ئېنىق چۈشىنىپ يەتتىم. پەندى-نەسىھەت 13:20-ئايەتتىكى: «كىمكى دانالار بىلەن ھەمراھ بولسا، دانا بولار، ئەمما كىمكى نادانلار بىلەن ئارىلاشسا زىيانغا ئۇچرار»،— دېگەن سۆزلەر قەلبىمگە قاتتىق تەسىر قىلدى. مەن قارا جەمئىيەت بىلەن بولغان ئالاقىنى ئۈزۈشۈم كېرەكلىكىنى چۈشىنىپ يەتتىم. بۇ ئاسانغا چۈشمىدى، لېكىن تەڭرى يەھۋانىڭ ياردىمى بىلەن ئۇلارنىڭ ئارىسىدىن چىقتىم.
ھاياتىمدا تۇنجى قېتىم ئىش-ھەرىكەتلىرىمنى كونترول قىلىشقا باشلىدىم
شۇنىڭدەك، مەن ھەر جەھەتتىن پاك بولۇشنى قارار قىلدىم. ئەلۋەتتە، تاماكا ۋە زەھەر چېكىشنى تاشلاش ئۈچۈن كۆپ كۈچ چىقاردىم. ئۇزۇن چاچلىرىمنى كېسىپ، قۇلاققا سېلىۋالغان ھالقىنى چىقىرىپ، ئېغىزىمنى يامان قىلىشنى توختاتتىم. ھاياتىمدا تۇنجى قېتىم ئىش-ھەرىكەتلىرىمنى كونترول قىلىشنى باشلىدىم.
ئوقۇش ۋە تەلىم ئېلىشنى ھېچقاچان ياقتۇرمىغان ئىدىم. شۇ سەۋەبتىن، ماڭا مۇقەددەس كىتابنى ئۆگەنگەن ۋاقىتتا دىققەتچان بولۇش ئىنتايىن قىيىن بولدى. بىراق، بۇنىڭغا بار كۈچۈم بىلەن تىرىشتىم. ئاستا-ئاستا تەڭرى يەھۋاغا بولغان سۆيگۈ-مۇھەببىتىم بارغانسېرى چوڭقۇرلاشتى ۋە ئىچىمدىكى بىر نەرسە ئۆزگۈرۈشكە باشلىدى، يەنى ۋىجدانىم ئويغىنىشقا باشلىدى. مەن كۆپىنچە ئۆزۈم ھەققىدە سەلبىي ئوي-پىكىردە بولدۇم ۋە مەن ئىلگىرى ئادەملەرگە قىلغان يامانلىقلىرىم ئۈچۈن يەھۋا خۇدانىڭ چوقۇم مېنى كەچۈرۈۋېتىدىغانلىقىغا گۇمان قىلدىم. شۇنداق پەيتلەردە، مەن مۇقەددەس كىتابتىن يەھۋا خۇدانىڭ پادىشاھ داۋۇتنىڭ ئېغىر گۇناھلىرىنى كەچۈرگەنلىكى ھەققىدىكى ۋەقەنى ئوقۇپ، كۆپ تەسەللى ئالاتتىم.—2-سامۇئىل 11:1—12:13.
مەن ئۈچۈن يەنە بىر قىيىنچىلىق ئۆيمۇ-ئۆي ۋەز قىلىش ئىدى (مەتتا 28:19، 20). ئۆتمۈشتە مەن زىيان يەتكۈزگەن بىرسىنى ئۇچرىتىپ قېلىشىم مۇمكىن دەپ قورقاتتىم. ئەمما ۋاقىت ئۆتۈپ، بۇ قورقۇنچنى يېڭىۋالدىم. باشقىلارنىڭ كەچۈرۈمچان ئەرشتىكى ئاتىمىز يەھۋانى تونۇشىغا ياردەم بەرگەندە، كۆڭلۈم ھەقىقىي قانائەت تاپقاندەك ھېس قىلىشنى باشلىدىم.
قانداق پايدىسىنى كۆردۈم:
يەھۋا خۇدا توغرىسىدىكى بىلىم ھاياتىمنى ساقلاپ قالدى. بۇرۇنقى دوستلۇرۇمنىڭ كۆپىنچىسى ئۆلۈپ كەتتى ياكى قاماقتا ئولتۇرۇۋاتىدۇ. مەن بولسام، مەنىلىك ھايات كەچۈرۈپ، كېلەچەككە ئۈمىد بىلەن قارايمەن. مەن كەمتەر بولۇش، بويسۇنۇش ۋە ۋەھشى مىجەز-خۇلقۇمنى كونترول قىلىشنى ئۆگەندىم. مەن بۇنىڭ پايدىسىنى كۆردۈم. مەسىلەن، ئەتراپىمدىكى كىشىلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىم ياخشىلاندى. سۆيۈملۈك ئايالىم كارمېن بىلەن بىللە بەختلىك تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتىمىز. بىز ئىككىمىز كىشىلەرنىڭ يەھۋا خۇدانى تونۇشىغا ياردەم بەرگەندە، كۆڭلىمىزنىڭ ھەقىقىي شۈكۈر-قانائەت تاپقانلىقىنى ھېس قىلىۋاتىمىز.
راست، ھازىر مەن سەمىمىي، ئىشچان. قىلدىغان ئىشىمنىڭ بەزىدە بانكىلار بىلەن ئالاقىسى بار. بىراق، ئەمدى تاپانچا بىلەن بۇلاشقا بارمايمەن، بەلكى چېلەك ۋە لۆڭگىلەر بىلەن بېرىپ، شۇ بانكىلارنى تازلايمەن!