مەزمۇنغا ئاتلاپ ئۆتۈش

مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب —‏ چە‌كسىز دانالىقنىڭ مە‌نبە‌سى

مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب —‏ چە‌كسىز دانالىقنىڭ مە‌نبە‌سى

تە‌سە‌ۋۋۇ‌ر قىلىپ بېقىڭ:‏ سىز قە‌دىمىي يادىكارلىقلارغا تولغان تارىخىي مۇ‌زېينى ئارىلاپ زىيارە‌ت قىلىۋاتىسىز.‏ كۆرگە‌زمە زاللىرىنى ئايلىنىپ يۈرۈپ،‏ كۆپىنچە يادىكارلىقلارنىڭ كونىراپ ئۇ‌پراپ كە‌تكە‌ن،‏ بۇ‌زۇ‌لغان ياكى رە‌ڭگى سۇ‌سلىشپ ئۆچۈپ كە‌تكە‌نلىكىنى بايقىدىڭىز.‏ بە‌زى يادىكارلىقلارنىڭ پە‌قە‌ت ئۇ‌ششاق پارچىلىرى قالغان ئىدى.‏ ئە‌مما،‏ كىشى ھە‌يران قالدۇ‌رىدىغان يېرى،‏ بىر يادىكارلىق ئۈستىدىكى مۇ‌رە‌ككە‌پ نە‌قىش ۋە شە‌كىللە‌رنىڭ ئۇ‌ششاق سىزىقلىرىنى يە‌نىلا ئېنىق پە‌رقلە‌ندۈرگىلى بولاتتى.‏ سىز ساياھە‌ت يېتە‌كچىسىدىن:‏ «بۇ يادىكارلىقنىڭ يىلى بىزنىڭ زامانىمىزغا بە‌ك يېقىنمۇ؟‏» دە‌پ سورىدىڭىز.‏ ساياھە‌ت يېتە‌كچىسى:‏ «ياق،‏ كۆپىنچە يادىكارلىقلارغا قارىغاندا،‏ بۇ‌نىڭ تارىخى ئۇ‌زۇ‌نراق ۋە ھېچقاچان رېمونت قىلىنمىغان».‏ سىز يە‌نە سورىدىڭىز:‏«ئۇ‌نداقتا،‏ ئۇ ياخشى ئاسراپ ساقلانغان ئوخشىمامدۇ؟‏» ساياھە‌ت يېتە‌كچىسى:‏«ياق،‏ بۇ قاتتىق قار-‏يامغۇ‌ر ۋە بوران-‏چاپقۇ‌نلارنى باشتىن ئۆتكۈزگە‌ن ۋە بە‌زىلە‌ر قە‌ستە‌ن ئۇ‌نى ۋە‌يران قىلىشقا ئۇ‌رۇ‌نغان»،‏ دېدى.‏ شۇ چاغدا،‏ بە‌لكىم سىز ھە‌يران بولۇ‌پ،‏ كۆڭلۈڭىزدە:‏ «ئۇ نېمىدىن ياسالغاندۇ؟‏» دە‌پ سورايسىز.‏

مە‌لۇ‌م مە‌نىدە،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب قە‌دىمىي يادىكارلىقلارغا ئوخشايدۇ.‏ كۆپىنچە قە‌دىمقى كىتابلارغا سېلىشتۇ‌رغاندا،‏ ئۇ‌نىڭ تارىخى ئۇ‌زۇ‌نراق.‏ نۇ‌رغۇ‌ن قە‌دىمىي كىتابلار ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئە‌گىشىپ،‏ كونىراپ خېتى سۇ‌سلىشىپ ئوقۇ‌غۇ‌سىز بولۇ‌پ كېتىدۇ؛‏ بە‌زىلىرىنىڭ مە‌زمۇ‌نى زامانىۋى ئىلىم-‏پە‌نگە زىت،‏ بە‌زىلىرىنىڭ مە‌زمۇ‌نى ئومۇ‌ملاشقان زامانىۋى تىببىي داۋالاش ئىلىمىغا ماس كە‌لمە‌يدۇ؛‏ بۈگۈنگە قە‌دە‌ر ساقلىنىپ قالغان نۇ‌رغۇ‌ن قە‌دىمقى ئە‌سە‌رلە‌ر تولۇ‌ق ساقلانمىغان،‏ ۋە‌يران بولغان ياكى ئۇ‌ششاق ئۈزۈندىلىرى قالغان.‏

مۇ‌قە‌ددە‌س يازمىلار بولسا،‏ ئۇ باشقا قە‌دىمقى يازمىلاردىن پە‌رقلىنىدۇ.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب 3500 يىل ئىلگىرى يېزىلىشقا باشلانغان،‏ ئە‌مما ئۇ تولۇ‌ق ساقلانغان.‏ ئە‌سىرلە‌ر بويى ئۇ كۆيدۈرۈلۈش،‏ مە‌نئىي قىلىنىش ۋە كە‌مسىتىلىش قاتارلىق تۈرلۈك ھۇ‌جۇ‌ملارغا دۇ‌چ كە‌لگە‌ن بولسىمۇ،‏ ئۇ يە‌نىلا ساقلىنىپ قالغان.‏ لېكىن،‏ ۋاقىت ئۆتكە‌نسېرى مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب ئۆزىنىڭ ۋاقتىنىڭ ئۆتۈپ كە‌تمىگە‌نلىكىنىلا ئە‌مە‌س،‏ بە‌لكى زامانىۋىي ئىلىم-‏پە‌نگە ماس كېلىدىغانلىقىنىمۇ ئىسپاتلىغان.‏

بىز مۇ‌ھتاج بولغان ئە‌مە‌لىي كۆرسە‌تمىلە‌ر

بە‌لكىم سىز:‏ «مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىكى تە‌لىملە‌رنىڭ بۈگۈنكى تە‌رە‌ققىي قىلغان دۇ‌نيادا پايدىسى بارمۇ؟‏»—‏ دە‌پ سورايدىغانسىز.‏ بۇ سوئالغا جاۋاب تېپىش ئۈچۈن،‏ ئاۋۋال ئۆزىڭىزدىن:‏ «بۈگۈنكى كۈندە ئىنسانىيە‌ت قانداق چوڭ قىيىنچىلىقلارغا دۇ‌چ كېلىۋاتىدۇ؟‏ كىشىلە‌رنى ئە‌ڭ ۋە‌ھىمىگە سالىدىغىنى قايسى؟‏»—‏ دە‌پ سوراپ كۆرۈڭ.‏ بە‌لكىم ئۇ‌رۇ‌شلار،‏ مۇ‌ھىت بۇ‌لغىنىشى،‏ جىنايە‌ت ياكى پاراخورلۇ‌ق مە‌سىلىلىرى توغرۇ‌لۇ‌ق ئويلايدىغانسىز.‏ كېلىڭ،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىكى بە‌زى ئاساسىي تە‌لىملە‌رنى كۆرۈپ باقايلى.‏ شۇ‌لارنى كۆرگە‌چ،‏ ئۆز-‏ئۆزىڭىزدىن:‏ «ئە‌گە‌ر ئادە‌ملە‌ر بۇ تە‌لىملە‌رگە ماس ھايات كە‌چۈرگە‌ن بولسا،‏ بۇ دۇ‌نيا قانچىلىك گۈزە‌ل بولۇ‌پ كېتە‌ر ئىدى؟‏»—‏ دە‌پ سوراڭ.‏

تىنچلىقپە‌رۋە‌رلىك

‏«تىنچلىقپە‌رۋە‌رلە‌ر نە‌قە‌دە‌ر بە‌ختلىك!‏ چۈنكى،‏ ئۇ‌لار خۇ‌دانىڭ پە‌رزە‌نتلىرى دە‌پ ئاتىلىدۇ» (‏مە‌تتا 5:‏9‏)‏.‏ «مۇ‌مكىن بولسا،‏ ئىمكانىيە‌تنىڭ بارىچە ھە‌ممە ئادە‌ملە‌ر بىلە‌ن تىنچ-‏ئىناق ئۆتۈڭلار».‏—‏رىملىقلار 12:‏18‏.‏

رە‌ھىمدىل ۋە كە‌چۈرۈمچان بولۇ‌ش

‏«كە‌چۈرۈمچان بولغانلار نە‌قە‌دە‌ر بە‌ختلىك!‏ چۈنكى،‏ ئۇ‌لارمۇ كە‌چۈرۈم قىلىنىدۇ» (‏مە‌تتا 5:‏7‏)‏.‏ «ھە‌تتا بىرىڭلارنىڭ باشقا بىرىگە قارشى شىكايىتىڭلار بولسا،‏ داۋاملىق كە‌ڭ قورساق بولۇ‌پ،‏ بىر-‏بىرىڭلارنى چىن قە‌لبىڭلاردىن كە‌چۈرۈڭلار.‏ يە‌ھۋا a سىلە‌رنى چىن قە‌لبىدىن كە‌چۈرگە‌ندە‌ك،‏ سىلە‌رمۇ شۇ‌نداق كە‌چۈرۈڭلار».‏—‏كولوسىلىقلار 3:‏13‏.‏

مىللە‌تچىلىكتىن ئازاد بولۇ‌ش

‏«پۈتۈن يە‌ر يۈزىدە ياشىسۇ‌ن دە‌پ بارچە مىللە‌تلە‌رنى بىر ئادە‌مدىن ياراتتى» (‏ئە‌لچىلە‌ر 17:‏26‏)‏.‏ «شۇ‌نى ھە‌قىقىي چۈشىنىپ يە‌تتىمكى،‏ خۇ‌دا ھە‌ممىنى تە‌ڭ كۆرىدىكە‌ن.‏ 35 قايسى مىللە‌تتىن بولۇ‌شىدىن قە‌تئىينە‌زە‌ر،‏ ئۇ‌نىڭدىن قورقۇ‌پ،‏ توغرا ئىشلارنى قىلىدىغان ھە‌رقانداق كىشىنى قوبۇ‌ل قىلىدىكە‌ن».‏—‏ئە‌لچىلە‌ر 10:‏34،‏ 35‏.‏

يە‌رنى ئاسراش

‏«يە‌ھۋا خۇ‌دا ئادە‌منى ئېرە‌م بېغىنى پە‌رۋىش قىلىپ،‏ باغدىن خە‌ۋە‌ر ئېلىشقا ئورۇ‌نلاشتۇ‌ردى» (‏يارىتىلىش 2:‏15‏)‏.‏ پە‌رۋە‌ردىگار «يە‌ر يۈزىنى گۇ‌مران قىلغۇ‌چىلارنى گۇ‌مران قىلىدۇ».‏—‏ۋە‌ھىيلە‌ر 11:‏18‏.‏

ئاچكۆزلۈك ۋە ئە‌خلاقسىزلىقتىن نە‌پرە‌تلىنىش

‏«ھە‌ر خىل ئاچكۆزلۈكتىن ساقلىنىڭلار.‏ چۈنكى كشىنىڭ ھە‌رقانچە مال-‏دۇ‌نياسى كۆپ بولسىمۇ،‏ ئۇ‌نىڭ ھاياتى ئۇ‌لارغا باغلىق ئە‌مە‌س» (‏لۇ‌قا 12:‏15‏)‏.‏ «ھە‌تتا ئاراڭلاردا جىنسىي ئە‌خلاقسىزلىق،‏ ھە‌ر خىل ناپاكلىق ياكى ئاچكۈزلۈك تىلغا ئېلىنمىسۇ‌ن.‏ چۈنكى،‏ بۇ ئىشلار مۇ‌قە‌ددە‌س كىشىلە‌رگە لايىق ئە‌مە‌س».‏—‏ئە‌فە‌سلىكلە‌ر 5:‏3‏.‏

راستچىل ۋە ئىشچان بولۇ‌ش

‏«ھە‌ر ئىشتا راستچىل بولۇ‌شنى خالىغاچ،‏ ۋىجدانىمىزنىڭ پاك ئىكە‌نلىكىگە ئىشىنىمىز» (‏ئىبرانىيلار 13:‏18‏)‏.‏ «ئوغرىلىق قىلغان كىشى ئە‌مدى ئوغرىلىق قىلمىسۇ‌ن».‏—‏ئە‌فە‌سلىكلە‌ر 4:‏28‏.‏

مۇ‌ھتاجلارغا ياردە‌م بېرىش

‏«روھى چۈشكۈنلە‌رگە تە‌سە‌للى بېرىڭلار،‏ ئاجىزلارغا يار-‏يۆلە‌ك بولۇ‌ڭلار،‏ ھە‌ممە ئادە‌مگە سە‌ۋر-‏تاقە‌تلىك بولۇ‌ڭلار» (‏1-‏سالونىكالىقلار 5:‏14‏)‏ «قىيىنچىلىقتا قالغان يېتىم بالىلار ۋە تۇ‌ل قالغانلارغا غە‌مخورلۇ‌ق» قىلىڭلار.‏—‏ياقۇ‌پ 1:‏27‏.‏

مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىكى بۇ ھە‌قىقە‌ت سۆزلىرى بىزنى ھاياجانلاندۇ‌رۇ‌پلا قالماي،‏ بە‌لكى ئۇ‌لارنى كۈندىلىك تۇ‌رمۇ‌شىمىزدا قانداق قوللىنىش كېرە‌كلىكىنى ئۆگىتىدۇ.‏ ئە‌گە‌ر ئادە‌ملە‌رنىڭ كۆپىنچىسى بۇ تە‌لىملە‌ر بويىچە ياشىغان بولسا،‏ قانچىلىك كۆپ قىيىنچىلىقلارنى ھە‌ل بولۇ‌پ كېتە‌ر ئىدى،‏ ھە!‏ شە‌ك-‏شۈبھىسىزكى،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىكى پرىنسىپلار ئىلگىرىكى ۋاقىتلاردىنمۇ بە‌كرە‌ك ئە‌مە‌لىي قوللىنىشچان ۋە پايدىلىق!‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب شە‌خسە‌ن سىزگە قانداق ياردە‌م بېرە‌لە‌يدۇ؟‏

مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب تە‌لىملىرى قانداق پايدا ئە‌كېلىدۇ؟‏

بىر دانىشمە‌ن كىشى:‏ «ھېكمە‌ت ئۆز ئىشلىرى بىلە‌ن دە‌لىللىنىدۇ»،‏—‏ دە‌پ ئېيتقان (‏مە‌تتا 11:‏19‏)‏.‏سىز بۇ پىكىرگە قوشالامسىز؟‏ ئېنىقكى،‏ مە‌سلىھە‌تنى ئە‌مە‌لىي قوللىنىپ،‏ ئۇ‌نىڭ پايدىسىنى كۆرگە‌ندىن كېيىنلا ئۇ‌نى دانا مە‌سلىھە‌ت،‏ دە‌پ ئېيتسا بولىدۇ.‏ شۇ‌ڭا،‏ بە‌لكىم سىز:‏ «ئە‌گە‌ر مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب ھە‌قىقە‌تە‌ن ئە‌مە‌لىي پايدىلىق كىتاب بولسا،‏ ئۇ‌نداقتا ئۇ ھاياتىدا مېنى مول مېۋە بېرىشكە يېتە‌كلىشى كېرە‌ك ئە‌مە‌سمۇ؟‏ بۇ كىتاب دۇ‌چ كېلىۋاتقان قىيىنچىلىقلىرىمنى ھە‌ل قىلىشىمغا قانداق ياردە‌م بېرە‌لە‌يدۇ؟‏» دە‌پ ئويلىشىڭىز مۇ‌مكىن.‏ كېلىڭ،‏ بىر مىسالنى كۆرۈپ چىقايلى.‏

مە‌ريە‌منىڭ b ھاياتى ئالدىراش،‏ مە‌نىلىك ۋە نە‌تىجىلىك ئىدى.‏ بىراق،‏ ئۇ‌نىڭ بېشىغا كە‌ينى-‏كە‌ينىدىن قىيىنچىلىقلار كە‌لگە‌ن.‏ باشتا ئۆسمۈرلۈك يېشىدىكى قىزى ئۆلۈپ كە‌تتى.‏ كېيىن،‏ يولدىشى ئۇ‌نى تاشلاپ كە‌تتى.‏ ئۇ‌نىڭ ئۈستىگە ئۇ ئىقتىسادى قىيىنچىلىقلارغا دۇ‌چ كە‌لدى.‏ ئۇ بېشىدىن ئۆتكۈزگە‌نلىرىنى ئېسىگە ئېلىپ:‏ «ئە‌مدى مە‌ن كىم ؟‏ قىزىم،‏ ئېرىم،‏ ئۆيۈم ھە‌م يوق بولدى.‏ ياشاشنىڭ مە‌ن ئۈچۈن بىر ئە‌ھمىيىتى ياكى مە‌نىسى يوقتە‌ك ھېس قىلدىم»،‏—‏ دېگە‌ن.‏

مە‌ريە‌م ئۆزىنىڭ بېشىدىن ئۆتكۈزگە‌ن ئىشلارنى ئە‌سلە‌پ،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىكى سۆزلە‌رنىڭ ھە‌قىقە‌ت ئىكە‌نلىكىگە كۆز يە‌تكۈزگە‌نىدى:‏ «ئۆمرىمىز 70 يىلچە بولار،‏ كۈچ ماغدۇ‌رى بارلار 80 ياشقا ئۇ‌لىشار.‏ ئە‌مما،‏ يىللار مۇ‌شە‌ققە‌ت ۋە ھە‌سرە‌تكە تولغاندۇ‌ر؛‏ يىللار بە‌ك تېز ئۈتۈپ كېتە‌ر،‏ ھاياتىمىز ھە‌م ئۇ‌چۇ‌پ كېتە‌ر».‏—‏زە‌بۇ‌ر 90:‏10‏.‏

مە‌ريە‌م ئە‌شۇ ئە‌ڭ قىيىن ۋاقىتلاردا مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىن تە‌سە‌للى تاپقان ئىدى.‏ كېلە‌ركى ماقالىلە‌ردە كۆرسىتىلگە‌ندە‌ك،‏ نۇ‌رغۇ‌ن كىشىلە‌ر مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنىڭ قائىدە-‏پرىنسىپلىرىنى ئە‌مە‌لىيە‌تتە قوللىنىپ،‏ ھاياتىنى پۈتۈنلە‌ي ئۆزگە‌رتە‌لە‌يدىغانلىقىنى چۈشىنىپ يە‌تكە‌ن.‏ ئۇ‌لار مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب يۇ‌قىرىدا تىلغا ئېلىنغان مۇ‌زېيدىكى بىر يادىكارلىققا ئوخشايدۇ،‏ دېگە‌ن پىكىرگە قوشۇ‌لىدۇ.‏ بۇ كىتاب باشقا نۇ‌رغۇ‌نلىغان كونا ۋە ۋاقتى ئۆتكە‌ن كىتابلاردىن كۆپ پە‌رقلىنىدۇ.‏ بۇ‌نىڭ سە‌ۋە‌بى نېمە؟‏ بۇ كىتابنىڭ ئۆزگىچە تارىخى بولغانلىقىمۇ؟‏ ئۇ‌نىڭدا يېزىلغان ھېكمە‌تلىك سۆزلە‌ر ئادە‌م بالىسىنىڭ ئە‌مە‌س،‏ خۇ‌دانىڭ بولغانلىقىمۇ؟‏—‏1-‏سالونىكالىقلار 2:‏13‏.‏

بە‌لكىم،‏ سىز ھايات قىسقا ئىكە‌نلىكىنى ۋە ئازاب-‏ئوقۇ‌بە‌تلە‌رگە تولغانلىقىنى ئېتىراپ قىلىسىز.‏ بېشىڭىزغا ئېغىر كۈن چۈشكە‌ندە،‏ سىز قە‌يە‌ردە تە‌سە‌للى ۋە ياردە‌م بېرىدىغان ئىشە‌نچىلىك مە‌سلىھە‌تلە‌رنى ئىزدە‌يسىز؟‏

كېلىڭ،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب شە‌خسە‌ن سىزگە قانداق ياردە‌م بېرە‌لە‌يدىغانلىقىنى كۆرۈپ چىقىڭ.‏ ئۇ

  1. قىيىنچىلىقلاردىن ئىمكانىيە‌ت بارىچە نېرى تۇ‌رۇ‌شقا‏،‏

  2. ئۇ‌لارنى ھە‌ل قىلىشقا

  3. ئۇ‌لارغا بە‌رداشلىق بېرىشكە ياردە‌م بېرىدىغانلىقىنى كۆرۈپ چىقىڭ.‏

كېيىنكى ماقالىلە‌ردە مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىكى مە‌سلىھە‌تلە‌ر ھاياتتا قانداق ياردە‌م بېرىدىغانلىقى مۇ‌ھاكىمە قىلىنىدۇ.‏

a مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب،‏ خۇ‌دانىڭ ئىسىمى يە‌ھۋا،‏ دە‌يدۇ.‏—‏زە‌بۇ‌ر 83:‏18‏.‏

b بۇ ۋە كېيىنكى ئۈچ ماقالىدە،‏ بە‌زى ئىسىملار ئۆزگە‌رتىلگە‌ن.‏