قانداقلا دىنغا ئىشەنسەك بولۇۋېرەمدۇ؟ ھەممىسى بىزنى خۇداغا يېقىنلاشتۇرامدۇ؟
مۇقەددەس كىتابتىكى جاۋاب
ياق، ھەممە دىنلار كىشىنى خۇداغا يېقىنلاشتۇرالمايدۇ. مۇقەددەس كىتاب خۇدانى خۇرسەن قىلمايدىغان دىنلار كۆپ دەيدۇ. ئۇلار ئاساسىي ئىككى تۈرگە بۆلۈنىدۇ.
بىرىنچى تۈر. ساختا ئىلاھلارغا چوقۇنۇش
مۇقەددەس كىتابتا ساختا ئىلاھلارغا چوقۇنۇش ھەققىدە سۆز قىلىنغاندا، «بىمەنە ئېتىقاد»، «ئەھمىيەتسىزدۇر» ۋە «كېرەكسىز» دېگەندەك سۆزلەر ئىشلىتىلگەن (يەرەمىيا 10:3—5؛ 16:19، 20). تەڭرى يەھۋا * ئىسرائىل خەلقىگە شۇنداق ئەمىر-پەرمان بەرگەن: «مەندىن باشقا ھېچ قانداق ئىلاھىڭ بولمىسۇن» (چىقىش 20:3، 23؛ 23:24). ئىسرائىللار باشقا ئىلاھلارغا چوقۇنغاندا، يەھۋانىڭ غەزىپى قاتتىق قوزغالغانىدى (سانلار 25:3؛ لاۋىيلار 20:2؛ ھاكىملار 2:13، 14).
ھەق خۇدانىڭ «نۇرغۇن ئىلاھلار»غا چوقۇنۇشقا بولغان كۆزقارىشى ئۆزگىنى يوق (كورىنتلىقلارغا 1-خەت 8:5، 6؛ گالاتىيالىقلارغا 4:8). خۇدا ئۆزىگە ئىبادەت قىلغۇچىلارغا ساختا ئىلاھلارغا چوقۇنغۇچىلار بىلەن ئارىلىشىشنى توختىتىشنى بۇيرۇپ، مۇنداق دېگەن: «ئايرىلىپ نېرى تۇرۇڭلار، ناپاك ئىشلارغا يېقىن يولىماڭلار» (كورىنتلىقلارغا 2-خەت 6:14—17). ئەگەر بارچە دىنلار كىشىنى خۇداغا يېقىنلاشتۇرسا، ئۇنداقتا نېمە ئۈچۈن ئاللا بۇنداق بۇيرۇق چۈشەرگەن؟
ئىككىنچى تۈر. ھەق خۇدانى خۇرسەن قىلمايدىغان ئۇسۇلدا ئۇنىڭغا ئىبادەت قىلىش
بەزىدە ئىسرائىللار خۇداغا ئىبادەت قىلىش بىلەن ساختا ئىلاھلارغا چوقۇنۇشنى ئارىلاشتۇرۇۋەتكەن ئۆرپ-ئادەتلەرگە ئەگىشىپ يۈرەتتى. لېكىن، يەھۋا خۇدا ئۇلارنىڭ پاك ئىبادەت بىلەن ساختا چوقۇنۇشلارنى ئارىلاشتۇرۇۋەتكىنىدىن نەپرەتلەنگەن (چىقىش 32:8؛ تەكرار قانۇن 12:2—4). ئەيسا پەيغەمبەر ئۆز زامانىدىكى دىن رەھبەرلىرى خۇدا ياقتۇرمايدىغان ئۇسۇلدا ئىبادەت قىلغىنى ئۈچۈن، ئۇلارنى ئەيىبلىگەن. ئۇلار باشقىلارغا ئۆزلىرىنى ئىخلاسمەن كۆرسىتىپ، «بىراق تەۋرات قانۇنىنىڭ تېخىمۇ مۇھىم تەرەپلىرى بولغان ھەققانىيلىق، رەھىمدىللىك ۋە سادىقلىققا سەل» قارىغان (مەتتا 23:23).
بۈگۈنكى كۈندىمۇ پەقەت ھەقىقەتنى ئۆگىتىدىغان دىن ئىنسانلارنى خۇداغا يېقىنلاشتۇرالايدۇ. بۇ ھەقىقەت مۇقەددەس كىتابتا بار (يۇھاننا 4:24؛ 17:17؛ تىموتىيغا 2-خەت 3:16، 17). خۇدا سۆزىگە زىت بولغان تەلىماتلارنى ئۆگىتىدىغان دىنلار ئەسلىدە كىشىنى خۇدادىن يىراقلاشتۇرىدۇ. ئادەملەر ئۈچبىرلىك، ئۆلمەس جان ۋە دوزاخ ئوتىدا قىيناش قاتارلىق تەلىماتلارنى مۇقەددەس كىتابتا بار دەپ ئويلىشىدۇ. بىراق، بۇ تەلىماتلار ئەسلىدە ساختا دىنلاردىن كېلىپ چىققان. ئاللانىڭ ئۆلچەم-تەلەپلىرىگە ئەمەس، بەلكى ساختا تەلىماتلار بىلەن باغلىنىشلىق دىنىي ئۆرپ-ئادەتلەرگە ئاساسلانغان ئىبادەت «بېكار» ياكى ئەھمىيەتسىزدۇر (مارك 7:7، 8).
ئاللا دىنىي ساختىپەزلىكتىن نەپرەتلىنىدۇ (تىتۇس 1:16). ئادەملەرنىڭ خۇداغا يېقىنلىشىشىغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن دىنلار پەقەت مۇراسىملار بىلەنلا چەكلىنىپ قالماي، بەلكى ئىنسانلارنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىغا ھەم تەسىر قىلىشى كېرەك. مەسىلەن مۇقەددەس كىتابتا مۇنداق دېيىلگەن: «ئۆزىنى خۇداغا ئىخلاسمەن ئادەم دەپ قارىغان، لېكىن تىلىنى تىزگىنلىمىگەن كىشى ئۆزىنى ئۆزى ئالدايدۇ. بۇنداق ئىخلاسمەنلىكنىڭ قىلچە قىممىتى يوقتۇر. خۇدائاتىمىزنىڭ نەزىرىدىكى پاك ۋە ئەيىبسىز ئىخلاسمەنلىك بولسا قىيىنچىلىقتا قالغان يېتىم-يېسىر، ئېرى ئۆلۈپ كەتكەن تۇل خوتۇنلارغا غەمخورلۇق قىلىش ۋە ئۆزىمىزنى دۇنيانىڭ بۇلغىشىدىن ساقلاشتۇر» (ياقۇپ 1:26، 27)..«پاك ۋە ئەيىبسىز ئىخلاسمەنلىك دەپ تەرجىمە قىلىنغان جۈملە، مۇقەددەس كىتابنىڭ باشقا تەرجىمىسىدە، «پاك ۋە ئەيىبسىز بولغان ئىبادەت» دەپ تەرجىمە قىلىنغان (قەشقەر چاغاتاي تىلى تەرجىمىسى).
^ مۇقەددەس كىتابتا خۇدانىڭ خاس ئىسىمى «يەھۋا» دەپ ئاشكارە قىلىنغان