تەلىم بەرگۈچى بىلەن مۇقەددەس يازمىلار ھەققىدە بىلىم ئاشۇرۇش
«مەڭگۈ شاد-خۇرام ياشاڭ!»
مۇشۇ مۇقەددەس يازمىلار ھەققىدە بىلىم ئاشۇرۇش دەرسلىكى ياردىمىدە، تۆۋەندىكى مۇھىم سوئاللارنىڭ جاۋابلىرىنى تاپالايسىز:
بەختلىك بولۇش ئۈچۈن نېمە قىلىشىم كېرەك؟
يامانلىق ۋە ئازاب-ئوقۇبەتلەر قاچان تۈگەيدۇ؟
ئۆلۈپ كەتكەن يېقىنلىرىمنى قايتا كۆرەلەيمەنمۇ؟
ياراتقۇچى ماڭا ھەقىقەتەن غەمخورلۇق قىلامدۇ؟
خۇدا دۇئالىرىمنى ئاڭلىشى ئۈچۈن ئۇنىڭغا قانداق دۇئا قىلىشىم كېرەك؟
ھەقسىز
مۇقەددەس كىتابتىن بىلىم ئاشۇرۇش ھەقسىز. «مەڭگۈ شاد-خۇرام ياشاڭ!» كىتابى ۋە مۇقەددەس كىتابنىمۇ ھەقسىز ئالالايسىز.
قولايلىق
تەلىم بەرگۈچى بىلەن سىزگە قولايلىق ۋاقىت ۋە جايدا يۈزمۇ-يۈز ياكى توردا، تېلېفون بىلەن كۆرۈشسىڭىز بولىدۇ.
ئىختىيارىي
خالىغان ۋاقىتتا ئۆگىنىشنى توختىتالايسىز.
مۇقەددەس كىتابنى تەتقىق قىلىش دەرسلىكىنى قانداق ئۆگىنىمىز؟
تەلىم بەرگۈچى مۇقەددەس كىتابتىكى ھەقىقەتلەرنى ماۋزۇلار بويىچە ئۆگىنىشىڭىزگە ياردەم بېرىدۇ. «مەڭگۈ شاد-خۇرام ياشاڭ!» دېگەن كىتابنىڭ ياردىمىدە، قەدەممۇ-قەدەم مۇقەددەس كىتابنىڭ نېمىلەرنى ئۆگىتىدىغانلىقىنى ۋە شۇ بىلىملەرنىڭ سىزگە قانداق ياردەم بېرەلەيدىغانلىقىنى بىلەلەيسىز. كۆپرەك بىلىش ئۈچۈن مونۇ فىلىمنى كۆرۈڭ ياكى بۇ دەرسلىككە مۇناسىۋەتلىك «كۆپچىلىكنى قىزىقتۇرىدىغان سوئاللار»نىڭ جاۋابلىرىنى تېپىڭ.
دەرسلىكنى قانداق ئۆگىنىدىغانلىقىمىزنى كۆرۈپ بېقىشنى خالامسىز؟
دەسلەپكى بىرقانچە دەرسلەرنىڭ مەزمۇنى بىلەن تونۇشۇپ بېقىڭ.
مۇقەددەس كىتابنى تەتقىق قىلىشنى خالامسىز؟
مۇقەددەس كىتابتىن بىلىم ئېلىشنى باشلاش ئۈچۈن «سىناپ كۆرەي» دېگەن يەرنى بېسىڭ.